گېرمانىيەدە «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.30
28-iyul-yerken-qirghinchiliqi-namayishi-germaniye-2018-01.JPG گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «28- ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 28-ئىيۇل. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

باش شتابى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» ۋە «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ ئورتاق تەشكىللىشى بىلەن 28-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ساياھەت مەركىزى بولغان شىتاتخۇس مەيدانىدا «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

بىز نەق مەيدانغا بېرىپ، نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلدۇق. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى يەركەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

نامايىشقا ئەرلەردىن سىرت، كۆپلىگەن ئاياللار ۋە بالىلارمۇ قاتناشقان ئىدى. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە «شەرقىي تۈركىستاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» دېگەندەك ھەر تۈرلۈك خەتلەر يېزىلغان چوڭ لوزۇنكىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

نامايىشقا قاتناشقان ئاياللاردىن ئۇيغۇر زىيالىيسى سۈرەييە خانىم يەركەن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە گېرمان خەلقىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدە بارغانسېرى قىزىق تېمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نامايىش مەيدانىغا خىتاي تۈرمىلىرىگە بەند قىلىنغان قانچە ئونلىغان ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلىرىنىڭ رەسىملىرى تىزىلغان بولۇپ، ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈۋاتقان ساياھەتچىلەر نامايىشچىلاردىن بۇ نامايىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات سوراپ تۇردى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەرنى داۋاملىق خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ميۇنخېندىكى بۇ نامايىش ئىككى يېرىم سائەت داۋام قىلدى. كۆپلىگەن تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىلدى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭغا قامالغان تۇتقۇنلار توغرىسىدا ساياھەتچىلەرگە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.