ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دا خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى شوئارلار توۋلاندى.
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى 2-فېۋرالدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. بۈگۈن مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك جامائىتىنىڭ ئىشتىراكىدا يەنە بىر قېتىم خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نامايىش مۇقەددىمىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش جەريانى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەمدە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گېرمان جامائىتىگە مەلۇماتلار تەقدىم قىلدى شۇنداقلا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز پىكرىنى شەرھلىدى.
بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 22 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
2-فېۋرالدىن باشلاپ، مەركىزى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە بولغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپادىكى 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىشلار تەشكىللەنگەن ۋە ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىدى. تۈرك ھەم ئىسلام ئەللىرى خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا تىرىشىشى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىپادە بىلدۈرۈشى ئۇيغۇرلارغا زور جاسارەتلەر بەخش ئەتكەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە خىتايغا قارشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور كۆتۈرۈلۈشلەر بارلىققا كېلىدىكەن.
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدەن ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدىمۇ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلار تەشكىللىنىدىكەن.
قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق ئەرەب يېرىم ئارىلى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى تۈرك، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى پائال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، 2019-يىلى دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ كۆلىمى ھەسسىلەپ زورىيىدىكەن.
0:00 / 0:00