«5 فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر ئائىلىنىڭ ھېكايىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.02.09
2017-ghulja-kochiliri-01.jpeg غۇلجا كوچىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى.
RFA/Abduweli Ayup

1997-يىلى بەشىنچى فېۋرال كۈنىدىكى غۇلجا ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇندا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسىدىكى بىر ئائىلىدىن بەش ئوغۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ھەقنى سۆزلەش، توغرا يولدا مېڭىش ۋە جامائەت ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن تونۇلغان لېتىپ ئائىلىسىدىن ئابدۇۋەلى لېتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىنىلىرىدىن ئابدۇغېنى لېتىپ قاتارلىق تۆتەيلەن سەككىز يىللىقتىن تارتىپ ئۈچ يىللىققىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەزكۇر ئائىلە بىلەن ئون يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغان، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت ئەپەندى لېتىپ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇۋەلى لېتىپ 1997-يىلى يازدا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى تۈرمە رايونىدا قاماقلىق ئىكەن.

كانادادا ياشايدىغان ھاجى ئەپەندى ئابدۇۋەلى لېتىپنى تونۇيدىغانلىقنى، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدە ياشايدىغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئابدۇۋەلى لېتىپ ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇۋەلى لېتىپ غۇلجا ياشلىرىنىڭ نامايىشىنى تەشكىللىگەن ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ يېنىدىكى كىشىلەردىن ئىكەن.

غۇلجا ناھىيە كېپەكيۈزىدىكى لېتىپ ئائىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە غۇلجىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ھېچ قانداق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. ھالبۇكى، بۇ ئائىلىدىكىلەرنى تونۇيدىغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئابدۇۋەلى لېتىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھازىر قايتىدىن قاماققا ئېلىنغانلىق ئىھتىمالىنى ئىلگىرى سۈردى. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئائىلىدىن چىققان ئاتالمىش سىياسىي مەھبۇس سەۋەبلىك پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى جازالاش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. غۇلجىدا يۈز بەرگەن 1997-يىلىدىكى «بەشىنچى فېۋرال ۋەقەسى» سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە ئەزالىرىنى ئېنىقلاش داۋامىدا غۇلجا ناھىيە توخۇچى يېزا ۋە چاپچال ناھىيەسىدىمۇ مۇشۇنداق ئائىلە بويىچە جازالانغانلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. كېيىنكى پروگراممىلاردا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.