ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016-07-04
Share

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 7-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن «ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «تۇرانچى ھەرىكەت مۇنبىرى» نىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردىن قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاپتوبۇس ۋە كىچىك ئاپتوموبىللار بىلەن يولغا چىقىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. تۇرانچى ھەرىكەت مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى، تۈرك دۇنياسىنى سىمۋول قىلغان شەرقىي تۈركىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى.
قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە تۈركىيە بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان، ئەر-ئايال ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، سىياسىتى ۋە چەكلىمىلىرىگە قارشى شوئار توۋلاپ كونسۇلخانىغا يېقىنلاپ كەلدى.نامايىشچىلار بىردەك دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا بىخەتەرلىك ساقچىلىرى كونسۇلخانا دەرۋازىسى ئالدىنى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن توسۇۋالغان بولۇپ، نامايىشچىلار توسۇقتىن ئۆتەلمەي بۇ يەردە توختىماي شوئار توۋلىدى ۋە تەكبىر كەلتۈرۈپ ئەتراپنى زىلزىلىگە سالدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كۆرۈنۈشلەر ۋە شوئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا توختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، تاختىلارغا، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. ھۆررىيەت، ھۆررىيەت، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆررىيەت... » دېگەندەك چوڭ ھەجىملىك خەتلەر يېزىلغان.

نامايىش جەريانىدا بىر تۈركۈم ياشلار خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشىپ كەتتى. كېيىن جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن ياشلار قارشىلىق قىلىشتىن توختىدى.

كېيىن ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار تەييارلىغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتتا بۇنىڭدىن يەتتە يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەھشىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەپ ئۆتتى ۋە شۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بۇ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.

نامايىش جەريانىدا يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ۋە ئىبراھىم داموللام قاتارلىق كىشىلەرمۇ سۆز قىلىپ خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاينى زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىبراھىم داموللام سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ نامايىشنىڭ ئۈرۈمچىدە ۋەتەن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا مەيدانغا چىقىپ شېھىت بولغان ئاكا-ئۇكا ۋە ھەدە-سىڭىللارنىڭ روھىنى شادلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامى ۋە مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە نامايىشقا توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلماسلىققا چاقىرىق قىلدى ۋە زۇلۇم بىلەن ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنىڭ شۇ ھاكىمىيەتنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى.

نامايىش جەريانىدا ياشلار خىتاينى ئەيىبلەپ توختىماي شوئار توۋلىدى.

نامايىشتا يەنە ئامېرىكىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى مىكروفوننى ئېلىپ «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» نى جاراڭلىق ئوقۇپ ئۆتتى.

ئىپتار ۋاقتى بولغاندا نامايىشچىلارغا تۈركىستان پولۇسى بىلەن ئوپچە ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.

بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشتا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار باياناتنى ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ نامايىشنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت