ئۇيغۇرلار كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2016.07.05
2016.07.05
ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقىنى خاتىرىلەپ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2016-يىلى 5-ئىيۇل، كانادا.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇندىن 7 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە توپتوغرا 7 يىل تولغان كۈن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل نامايىشچىلىرىنى قاتتىق باستۇرغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشقا، تورونتو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
نامايىشتا، «خىتاي ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەت»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ھۈسەنجان جېلىلغا ئەركىنلىك»، «ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلسۇن»، «خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى.
نامايىش شۇ كۈنى تورونتو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 5 كىچە داۋاملاشتى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.









