د ئۇ ق رەھبەرلىرى مالايشىيا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى
2019.01.14
دىنىي ۋە پەننىي تېمىلار بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا، شۇنىڭدەك شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىشنى ئىستىگەن ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا ئوخشاشلا قۇچاق ئاچقان مالايشىيا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئەڭ دەسلەپ بۇ ھەقتە نارازىلىق ئىنكاسى بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ 2018-يىلى ئۆكتەبىردە تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان 11 ئۇيغۇر قاچقۇننى مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماستىن تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن مالايشىيانىڭ بۇ ھەرىكىتى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن داۋاملىق ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتقاندا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىق چۇقانلىرى ئۈزۈلۈپ باقمىدى.
14-يانۋار كۈنى مالايشىيا ھۆكۈمىتى بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەخسۇس سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى مالايشىيانىڭ ئۇيغۇرلار نەزىرىدىكى ئىجابىي تەسىرىنى يەنە بىر ئۈلۈش ئاشۇردى. د ئۇ ق نىڭ تولۇق ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ۋە د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇندىن تەشكىل تاپقان ئىدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئېلشات ھەسەن بۇ قېتىم مالايشىيادىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنى خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ئايالى، مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋان ئەزىزە خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئوبدانلا خەۋىرى بولغان ئەزىزە خانىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە بۇ مەسىلىنى جەزمەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان مۇسۇلمان دۆلىتى قاتارىدا كۆرسىتىشكە بولىدىغان مالايشىيانىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ قېتىم د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئايرىم سۆھبەتتە بولغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئىسلام دۇنياسىغا ئوڭۇشلۇق ئاڭلىتىشنىڭ بەزى چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. سۆھبەت جەريانىدا كەلگۈسىدىكى قىسمەن ئىش بىرلىكى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.
ئېلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتلەردە «ئۇيغۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنىڭ بەزى تەييارلىق ئىشلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇ بىرىنچى كۈنىدىكى سۆھبەتنى خۇلاسىلەپ «تۇنجى كۈندىلا ئۈچ مىنىستىر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولۇش ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرىدە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بۇ قېتىمقى زىيارەت بىز ئويلىغاندىنمۇ زور دەرىجىدە ئۇتۇقلۇق بولدى،» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراۋاتقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر ھەر ساھە كىشىلىرىنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مالايشىيانى خىتايغا بېقىندى قىلىپ قويۇشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يېقىندا خىتاينىڭ 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يېڭى شەكلى» دەپ رەت قىلغان ئىدى. مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتۇك مەرزۇقى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغاندا «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا بىز ئۆز قارىشىمىزنى ۋە مەيدانىمىزنى ئىپادىلەۋاتىمىز. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز،» دېگەن ئىدى.