مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى جازا مۇددىتىنىڭ 5-قېتىم ئۇزارتىلىشىغا قارشى يەنە ئاچلىق ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.04.21
abdukerim-abduweli-305.jpg ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ياش ۋاقتىدا تارتىلغان رەسىمى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Arslan


خىتاي سوتى يەنە پەيلىنى ئۆزگەرتمىدى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋە لۈكچۈن ۋەقەسى، ئەڭ يېقىندا يۈننەندە يۈز بەرگەن كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۆلىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا، پۇقرالىرىغا ھەددىدىن تاشقىرى زۇلۇم سېلىپ جېنىدىن تويدۇرماسلىققا دەۋەت قىلغان ئىدى. خىتاي سوتىنىڭ سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتىنى 5 - قېتىم يەنە بەش يىللىق ئۇزارتىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى دەۋەتلەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى ؛ ھەتتا خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىگە يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىگە ئارتقان جىنايىتى يەنە ئوخشاش: ئۇنىڭ نامازدىن يەنى ئاللاغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى؛ مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىمۇ ئۆزىنى تۈرمىدە چىرىتىۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقان خىتاي سوتىنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە يەنە ئۆز چامىچە قارشىلىق كۆرسەتتى: ئۇ 63 كۈندىن بېرى ئۈرۈمچىدىكى 1 - تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلماقتا.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە مەھبۇسنىڭ ئىنىسى ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر:

سوئال: ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتىنى 5 - قېتىم يەنە ئۇزارتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق، توغرىمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، قويۇپ بېرىلىشىگە تەقەززا بولۇپ كۈنلەرنى تەتۈر ساناپ ئولتۇراتتۇق. 81 كۈن قالدى دېگەن ۋاقتىمىزدا تۈرمىگە چاقىرتىلدىم ۋە ئاكامنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 5 - قېتىم ئۇزارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇم.

سوئال: قايسى كۈنى تۈرمىگە بارغان ۋاقتىڭىز؟

جاۋاب: مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى، مېنى دەسلەپتە، مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۆيىگە ئەمەس، تۈرمە ئىشخانىسىغا باشلىدى. ئۇ يەردە، ئاكامنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 5 - قېتىم يەنە ئۇزارتقانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئاندىن ئاكامنىڭ 50 كۈندىن بېرى تاماق يېمەي ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، دورا - ئوكۇل بىلەن ئۆرە تۇرغۇزغانلىقىنى ئېيتتى، ئارقىدىن ئاكامدا 6 خىل كېسەل بايقالغانلىقى يېزىلغان ئاپتونۇم رايونلۇق 1 - دوختۇرخانىنىڭ قەغىزىگە قول قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىدى؛ مەن بۇ قەغەزگە قول قويۇشنى رەت قىلدىم؛ ئاندىن ئۇلار ئاكام بىلەن كۆرۈشتۈردى. كۆردۈمكى، ئاكامنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى يوق، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئەكىلىندى؛ سۆزلىشىۋاتقىنىمىزدا قولىدا تېلىپوننىمۇ تۇتۇپ تۇرالمىدى، تېلىپون قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئاكامنىڭ دىيىشىچە، ئۇ يەردە، ئارقىدىن، ئاكامنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ يەنە بەش يىللىق ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

سوئال: سوت قاچان ئېچىلىپتۇ؟

جاۋاب: ئۆتكەن يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بارغان ئىدىم، ئاكام ئۇ چاغدا بۇنداق گەپنى قىلمىغان. بۇ قېتىم ساقچىلار ئاكامنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخرىدىن باشلاپ بەزىدە تاماق يەپ، بەزىدە يېمىگەنلىكىنى، يېىقىنقى 50 كۈندىن بۇيان پەقەتلا تاماق يېمىگەنلىكىنى ئېيتتى. تەخمىن قىلالايمەنكى، ئاكام جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن قارىغاندا سوتنىڭ ئۇزارتىش ھۆكۈمى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايلاردا چىقىرىلغان.

سوئال: جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمنامە قولۇڭلارغا بېرىلدىمۇ؟

جاۋاب: ياق بەرمىدى. ساقچىدىن ئۇ قەغەزنىمۇ سورىمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدىكىلىرىنىمۇ بەرمىگەن؛ ئاكام 4 - قېتىم ئۇزارتىلغانلىق ھۆكۈمىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى چىقارتقان ئىكەن، شۇنى كۆرگەن ئىدۇق. بۇ قېتىمقىسىنى كۆرەلمىدۇق.

سوئال: ئۇزارتىلىشىدىكى سەۋەب نېمە ئىكەن؟ يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشمۇ؟

جاۋاب: ئۆزگەرمىدى دەيدۇ، نېمىگە ئۆزگىرىشى كېرەك، قويغا، ئۆچكىگە ئۆزگىرىشى كېرەكمۇ؟ مەن ساقچىلارغا «ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بۇ ھالەتتىكى ئادەم تۈزۈمىڭلارنى قانداق بۇزىدۇ؟ جازا مۇددىتى توشقاندىكىن ئاۋۋال قويۇپ بېرىپ، خاتالىق ئۆتكۈزگەندە يەنە ئەكىرىپ سولىمامسىلەر؟! گوڭچەنداڭمۇ)كومپارتىيەمۇ(، ساقچىلارمۇ يەنە بارغۇ؟» دېدىم. ئۇلار «ئاكاڭنىڭ ۋەتەندىمۇ، چەتئەلدىمۇ تەسىرى چوڭ ئىكەن» دەيدۇ؛ مەن «تەسىرى چوڭ دەپ بىر سولىۋالساڭلار چىقارمامسىلەر» دېدىم. ئۇلار «بۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىزنىڭ ئامالىمىز يوق» دېدى.

سوئال: سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمىنى ئابدۇكېرىمنىڭ ئايالى، بالىلىرى ئۇقتىمۇ؟

جاۋاب: تېخى ئۇقتۇرمىدۇق، ئۇلار قويۇۋېتىلىشىگە يەنە 69 كۈن قالدى دەپ ساناپ ئولتۇرىدۇ، چۈنكى ئالدىنقى ھۆكۈم بويىچە مۇشۇ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

سوئال: قاچان، قانداق ئۇقتۇرماقچىسىلەر، كۈتۈۋاتقان بىر ئىشىڭلار بارمۇ؟ يەنى قويۇپ بېرىلىپ قالسا دەيدىغان؟

جاۋاب: شۇ خەلقئارا ئاڭلىسا، خەلقئارا جامائەت بىر ئارىلاشسا، ھۆكۈمەت قارارىنى ئۆزگەرتىپ قالارمىكىن دەيدىغان بىرلا ئۈمىدىمىز بار؛ بۇنىڭدىن باشقا ھەممىنى بۇرۇن قىلىپ باقتۇق، ئاقمىغان، ھەتتا بېيجىڭغىمۇ ئەرز قىلىپ بېرىپ باققان.

سوئال : ئۆتكەن يىلقى كۆرۈشۇشلىرىمىزدىن كېيىن سىزگە بىر ئاۋارىچىلىق بولدىمۇ؟

جاۋاب: ئۇنداق بولمىدى، چۈنكى دېگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى قانۇننىڭ ئىچىدىكى گەپلەر بولغاچقا. يەنە بىر نۇقتىدىن مەن 24 يىلدىن بېرى يەنى ئاكام تۇرمىگە كىرگەندىن بېرى ئاۋارىچىلىقنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن، كۈنۇم ئاكامنى يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىش، ساقچى ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتراش دېگەندەك. ئاۋارىچىلىقلارغا كۆنۈپمۇ قالدىم، بىر قېرىندىشى تۈرمىدە بولۇپ قېلىش كىچىك ئاۋارىچىلىقمۇ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكامنىڭ ھالى بۇ قېتىم بەك خاراپ، 24 يىلدىن بۇيان بۇ دەرىجىدە ئېغىر ئەھۋالدا كۆرمىگەن ئىدىم.

سوئال: دېمەك، تەشكىلاتلار ياكى مۇخبىرلار ئاكىڭىزنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گەپ سورىسا جاۋاب بېرىشكە ھازىرمەن دەيسىز؟

جاۋاب: شۇنداق، تېلېفونۇم 24 سائەت ئوچۇق. ئەگەر تېلېفونۇم ئېلىنماي قالسا نامازدىكى ۋاقتىم، 20 - 30 مىنوتتىن كېيىن قايتا ئۇرسا تېلفووننى ئالالايمەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 5 - قېتىم ئۇزارتىلىشىغا قارشى يەنە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.