خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغان دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئىستانبۇلدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.06.01
abdulahad-mahdum-01.JPG

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-02.jpg

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-03.JPG

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-04.jpg

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-05.JPG

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-06.jpg

خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغان دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-07.jpg

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

abdulahad-mahdum-08.JPG

ئىستانبۇلدا دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 1-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

1-ئىيۇن، يەنى جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغان دىنى ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇدى. غايىبانە جىنازا نامىزىغا قاتناشقان نەچچە مىڭ كىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملارغا قارشى شوئارلار توۋلىدى ۋە خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرىق قىلدى.

غايىبانە جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، ئىمان دىيارى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان سالامەتلىك ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.


غايىبانە جىنازا نامىزى پروفېسسور جالال ئەرباينىڭ ئىمام بولۇشى بىلەن ئوقۇلدى. كېيىن مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار ئوقۇلدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە بېسىملارنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن ھەم دۇئالار قىلىندى. 

كېيىن مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئېلى ئەلىئوغلى سۆز قىلىپ، ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ 2017-يىلى 11-ئايدا خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى. 

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ھەققىدە توختالدى. 
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك دىنى ئالىمى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، شاگىرتلىرى ۋە نەۋرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
مەرھۇم 2017-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ خەۋەرنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن. مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى بۇ يىل 27-ماي ئۆلۈم خەۋىرىدىن ۋاقىپلانغان ھەمدە بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇللاھ قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇللاھ قارىم مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى مەرھۇمنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
جىنازا نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختالدى.
بىز يەنە مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم توغرىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئۆلىما ئابدۇللا قارىم، مۇھەممەد ئىمىن قارىم ۋە ئەخمەتجان داموللام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

ئۇنداقتا، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم كىم؟

مەرھۇمنىڭ يېقىنلىرى ۋە شاگىرتلىرىدىن توپلىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم 1930-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەردە دىنى مەدرىسىدە تەلىم ئالغان ۋە ھاياتى بويىچە 5 قېتىم تۈرمىگە قامالغان. مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ئىكەن.
مەرھۇم ئالىم 1950-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە قەشقەردە مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە قايتىپ دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئالتە ئاي ئۆتكەندە كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلگەن. مەرھۇم 1974-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل دىنىي ئوقۇتۇش ئىشىنى داۋام قىلغان. ئۇنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتى يەر ئاستى مەكتەپلىرىدە قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ 1979-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلارچە ئالىم-ئۆلىما قاتارىدا يەنە قولغا ئېلىنغان ۋە بىر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى دىنى جەھەتتە يېتىشتۈرۈپ چىققان. 2001-يىلى ئوغلى ئابدۇرەئۇف ئابدۇلئەھەد بارات بىلەن بىرگە ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان. خىتاي دائىرىلىرى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 74 ياشلىق ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمنى تۆتىنچى قېتىم قولغا ئالغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئالىمنى يەتتە ئوقۇغۇچىغا مەخپىي دەرس ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى 11 يىلنى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن. ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتكەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مەرھۇمنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۇغقانلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى. مەرھۇم پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن دىنى خىزمەت قىلغان. 5 قېتىم تۈرمىگە قامالغان ۋە 20 يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن پۈتۈن ھاياتى بويىچە خەلقنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا دىنى تەلىم بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.