د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ تۈركىيەنى ئابدۇلقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.09.26
abduqadir-yapchan.jpg ياپونىيە «NHK» تېلېۋىزىيىسى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس پروگراممىسىدا ئابدۇقادىر ياپچان سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. («NHK» تېلېۋىزىيەسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
RFA/Qutluq


د ئۇ ق 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تۈركىيە ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن دىنىي ئەرباپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللىي رەھبىرىمىز ۋە رەئىسىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىكىدە ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، بۇ ھەقتە جىددى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدىن ئىبارەت، ھازىرغا قەدەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە بۈيۈك تۈرك خەلقى باشتىن - ئاخىرى ئاسارەت ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باشپاناھى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋە تۈرك خەلقىغە يۈكسەك دەرىجىدە مىننەتدارلىقى، سۆيگۈسى ۋە مۇھەببىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغا قەدەر ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسىگە مۇئامىلە قىلىشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدىكى چەكسىز سۆيگۈسىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ئەپسۇسكى، ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئاخىرقى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى جىددى ئەندىشىگە سالماقتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەغە بولغان نارازىلىقلىرى ۋە قارشى ئىنكاسلىرىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. بىزنىڭ ئاساسلىق تەلىپىمىز يەنىلا ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسىنىڭ تۈركىيەدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئاساستا ئادىللىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ۋە ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»

مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇلقادىر ياپچان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئابدۇلقادىر ياپچانغا ئوخشاش ئۆز مىللىتىنىڭ غەمىنى يېگەن زاتلارغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەش، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىر ئىلتىماس بولسۇن دەپ بۇ باياناتنى ئېلان قىلغانلىقىنى دېدى.

د ئۇ’ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ مەزلۇم بىر خەلقنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك زاتى ئىكەنلىكىنى تۈركىيە سوتىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلقادىر ياپچان 1958 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قەشقەر يېڭىشەھىر ناھىيە ياپچان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1973 - يىلى 15 ياش ۋاقتىدا خىتاي دائىرىلىرى تەشكىلات قۇردۇڭ دەپ ئەيىبلەپ 10 يىل تۈرمە جازاسىغا ھۈكۈم قىلغان ۋە 1979 - يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 6 يىللىق تۈرمە ھاياتى جەريانىدا تونۇلغان دىنىي زات ئابدۇلھەكىم مەخسۇم بىلەن تونۇشقان ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قارغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ دىنىي تەلىم تەربىيە ئالغان. 1990 يىلى قايتا تۈرمىگە تاشلانغان ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى 1993 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 1993 - يىلى قايتا تۈرمىگە تاشلانغان ئابدۇلقادىر ياپچان 1996 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. جەمئىي 12 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىققان ئابدۇلقادىر ياپچان 2002 - يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەدە تۇرغان 14 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ تېررورچى دەپ ئەيىبلىشى بىلەن تۈركىيە 2008 - يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى چاقىرىلىشتىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.