ئاتاقلىق ئىتوت چولپىنى ئادىل مىجىتنىڭ تەقدىرى ئەندىشە قوزغىماقتا
2018.12.17

ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى دەلىللىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئەل سۆيگەن كۈلدۈرگە ۋە ئىتوت چولپىنى، خىتايدىكى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ئادىل مىجىتنىڭ يېقىندا تۇتقۇن قىلىنىپ، ھەج قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن 3 يىل كېسىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئادىل مىجىتنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قىزى گەرچە بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما، 2-نويابىردىن ئېتىبارەن دادىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ۋە يېڭىلا يۈرەك ئوپېراتسىيە قىلىپ تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان دادىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان فەيسبوك، ۋاتساپ، تېلېگرامما قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، «ئاتاقلىق ئىتوت چولپىنى، ئەل سۆيگەن ئارتىس ئادىل مىجىتمۇ يېقىندا تۇتقۇن قىلىنىپتۇ» دېگەن ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىدى ھەتتا رادىيومىزغىمۇ بۇ ھەقتە يازما ۋە ئاۋازلىق ئىسىمسىز ئىنكاسلار كەلدى.
بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا تىياتىرى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا كادىرلار بۆلۈمىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىم، ئادىل مىجىتنىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى رەت قىلمىدى. پەقەت «مەن بىلمەيمەن، يۇقىرىدىن سوراڭ» دېگەن جاۋابتىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.
ئادىل مىجىتنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ قىزى ئادىلە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئادىلە دادىسى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ۋە كىشىلەردىن بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزى بىلەن دادىسىنىڭ ئالاقىسىنىڭ 2-نويابىردىن باشلاپ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادىلە خانىم دادىسى ئادىل مىجىت ئەپەندىنىڭ يېقىندا ئىككى قېتىم يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقى، سالامەتلىكىمۇ تۇراقلاشمىغان ھالەتتە ئۇن-تىنسىز يوقاپ كېتىشىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ زور قايغۇ ۋە ئەندىشىگە قېلىۋاتقانلىقى، ۋەتەن ئىچى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنىڭ كېسىلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئاڭلىغان بۇ يامان خەۋەرلەرنى ئۇرۇق-تۇغقان ياكى تونۇش بىلىشلەر ئارقىلىق دەلىللەشكىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئادىل مىجىت ئۇيغۇر ئىتوتچىلىق ساھەسىدە ئەڭ زور ئالقىشقا ۋە ئۇتۇققا شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن چولپان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، 1997 يىلىدىكى «ئادىل مىجىت ئىتوت كېچىلىكى» بىلەن بۇ ساھەدە تۇنجى يالغۇز كىشىلىك كېچىلىك ئۆتكۈزگەن ئاكتيور بولۇپ قالغان بولسا، ئارقىدىن يەنە 12 يىل ئۆتكەندە 2010-يىلى، 2-قېتىملىق خاس ئىتوت كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى يۇقىرى ئورنىنى يەنىمۇ مۇقەررەرلەشتۈرگەن ئىدى.
ئادىل مىجىت 1964-يىلى يېڭى يىلدا مايتاغدا بىر ئىنژېنېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىكىدىنلا سەنئەت تالانتى ۋە ئاكتيورلۇق قابىلىيىتى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1980-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا قارىماي نېفىت ئىشچىلار سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. 1982 يىلى ئۇ بېيجىڭدىكى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1986-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا تىياتىرىدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
سەنئەتشۇناسلارنىڭ باھا بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىگە ئىتوتتىن ئىبارەت يېڭى بىر ژانىرنىڭ بىخ سۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا كۈلكە شادلىق ئاتا قىلغان مۇھىم بىر سەنئەت تۈرى بولۇپ قېلىشىغا ئاساس سالغۇچى ئۇستازلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادىل مىجىت 40 قا يېقىن ئوپېرا ۋە درامىلاردا رول ئالغان. 180 ئارتۇق ئىتوت-كۈلدۈرگىلەردە رول ئېلىپ، ھەممە تونۇيدىغان كۈلدۈرگە چولپىنى بولۇپ قالغان. ئۇ كۈلكە ئاتا قىلمىغان، ئۇ ئاياغ باسمىغان ھېچ بىر يېزا-قىشلاق يوق. ئۇ، بۇ جەرياندا 2400 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويغان شۇنىڭدەك يەنە 20 دىن ئارتۇق كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئوبراز يارىتىپ ئۇنتۇلماس بىر سىماغا ئايلانغان شەخس.
گەرچە ئۇچۇرلاردا ئادىل مىجىتنىڭ بىر ئاينىڭ ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنىپ 3 يىلغا كېسىلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال ھەج قىلغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئادىل مىجىتنىڭ قىزى ئادىلە «دادام ھەجگە چىققان، ئەمما، بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىدىن قانۇنلۇق ۋىزا ئېلىپ چىققان، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز ياكى قاچاق يوللار بىلەن چىققان ئەمەس، دادامنىڭ ھېچ گۇناھى يوق» دەيدۇ.
ئادىلەنىڭ ئېيتىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭغا ئادىل مىجىتنىڭ ئىككى ئايلار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت سىستېمىسىدا ئېچىلغان يىغىندا، 150 تىن ئارتۇق كىشى بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.