ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 5 - فېۋرالنى خاتىرىلەش ۋە خاتىرىلىتىش ئوخشاشلا مۇھىم
2015.02.03
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1990 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ غۇلجا مەشرىپىنى باستۇرۇشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ 1997 - يىلى 5 - فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ نامايىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ۋە نەتىجىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشى بىلەن خاتىمىلەنگەنلىكى، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس زور بىر ۋەقە. 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، كۈرەش ئىرادىسى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنىڭ، ئەھمىيىتىنىڭ زور بولۇشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىللەردە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
جۈملىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى - 5 فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە، بۈگۈن خەلقئاراغا بايانات ئېلان قىلدى. بىز، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن - 5 فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىق خاتىرىسىگە ئاتاپ ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى - 5 فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن - 3 فېۋرال ئېلان قىلغان بايانات ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997 - يىلى - 5 فېۋرالدا تىنچ يولدا نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى، ۋە ئەينى چاغدا نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداق باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، - 5 فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ۋە - 5ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندا ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق تىنچلىق يولىدىكى ھەقلىق نامايىشى، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن ئوخشاشلا رەھىمسىز ھالدا باستۇرۇلغان ئۇنتۇلماس ئىككى چوڭ ۋەقە، بۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنى ھەقىقىتى بىلەن ئىسپاتلىق يازما خاتىرىلەپ قالدۇرۇش، دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ياش ئەۋلادلارغا تونۇتۇش تېخىمۇ مۇھىم، شۇنداق قىلغاندىلا بىز شۇ نامايىشلاردا بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش ۋە ئەركىنلىك روھىغا ئىزباسار بولالايمىز دەپ كۆرسەتتى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ ياشلارنى - 5 فېۋرال روھىنى داۋام ئەتكۈزۈشكە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خاتىرىلەش، نامايىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى مەسئۇلى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، فېۋرال ئېيى كىرىشى بىلەن ئەڭ ئالدى بىلەنلا - 5 فېۋرالنى ئەسلەيدىغانلىقىنى، بۇ كۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا دۆلەت دەرىجىلىك قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قاباھەتلىك بىر كۈن دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قانلىق كۈننى خاتىرىلەش ۋە خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، باستۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىك ئىرادىسىدىن ياندۇرالمايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۈبەيرە خانىم يەنە «بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى شۇنداقلا ھەر بىر ئۇيغۇر، خىتاينىڭ - 5 فېۋرالدىكى قانلىق جىنايىتى دۇنيا ئالدىدا سۈرۈشتۈرۈلمەي تۇرۇپ، نارازىلىقىمىز نى ھەرگىزمۇ توختاتمايمىز» دەپ تەكىتلىدى.