ئامېرىكىدىكى 6 نەپەر سېناتور مايك پومپېيودىن ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.31
guwahliq-yighini-meydan ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا گۇۋاھچىلار سۆز قىلماقتا، 2018-يىلى 26-ئىيۇل
RFA

26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئىستىخبارات كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مارك ۋارنېر باشچىلىقىدىكى 6 نەپەر سېناتور بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيوغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە خەت يازدى. خەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلاردىن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئامېرىكىدىكى چەتئەللەرگە قارىتا خەۋەر بېرىدىغان 5 مۇھىم تاراتقۇنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى خىتايدىكى 12 مىليوندەك تۈركىي تىللىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە قارىتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئىشەنچلىك ۋە توغرا بولغان خەۋەرلەرنى بېرىپ كەلمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىغا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئاتا-ئانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنىشقا، تۈرمىگە قامىلىشقا ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا. باشقا بىر چەت مەملىكەتنىڭ ئۇچىغا چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشى بىزنىڭ جىددىي دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىماقتا.»

مەكتۇپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز جانابىڭىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە بۇ مەسىلىنى جىددىي بىر مەۋقەدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى تۈرمىگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز يەنە سىزدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەزكۇر مەكتۇپنى يازغان ۋە ئىمزا قويغان 6 نەپەر سېناتور ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى پارتىيىدىن تەشكىل تاپقان. مارك ۋارنېر، ماركو رۇبىيو، كورى گاردېنېر، تىم كاينې، ئېدۋارد ماركېي ۋە ستېۋ دېينېس قاتارلىق بۇ سېناتورلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى 100 نەپەر سېناتور ئىچىدىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىيونلار ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەكتۇپنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىشلەش جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇ مەكتۇپنى يازغان ۋە ياكى يېزىشنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى نوپۇزلۇق ئەزالار شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئىنسانلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ ئىمزالىق مەكتۇپى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن مايك پومپېيو ئەپەندى بۇ مەكتۇپتا سورالغان مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، خىزمەت پىلانىنى شەرھلەپ يۇقىرىدىكى سېناتورلارغا بىر جاۋاب خېتى يازىدىكەن. ئاندىن تېگىشلىك يوليورۇق چىقىرىلىپ ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلىدىكەن» 

يۇقىرىدىكى 6 نەپەر سېناتور تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىمزالىق مەكتۇپتا بولسا رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئوينىغان زور رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقى دۇنيادىن چەكلىنىۋاتقان، جۈملىدىن چەتئەل خەۋەر ئورگانلىرى، دىپلوماتلار ۋە مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ رايونغا بېرىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى. ئەپسۇسكى ئاللىقاچان زور بەدەللەرنى تۆلىگەن بۇ ژۇرنالىستلار ئۆزلىرى ئاخىرى بېرىپ ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان ئاشۇ خەۋەرلەرنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى» دېيىلگەن. 

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە يەنى 26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىزمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەپ كېتىلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق لاگېرلاردا قامىلىپ يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ مەكتۇپ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئالدىنقى ھەپتە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» دىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىقلار بىردەك ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پېنس مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىلى تاھىر ھامۇت قاتارلىق 10 ۋەكىلنى ئايرىم قوبۇل قىلغان ئىدى. 

ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يەھۇدىيلارغا يۈز بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكىدەك بىر ئۇقۇم كاللىسىغا سىڭىپ چوڭ بولغان ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ پاجىئەنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە ۋەتىنىدىكى يېقىنلىرى لاگېرلارغا تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى مەسىلىنى پاكىت بىلەن دادىل كۆتۈرۈپ چىقىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.