ئاۋسترالىيىدە «5 - ئاپرىل بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23 يىللىقى» نى خاتىرىلەش يېغىنى ئىچىلدى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 5 - ئاپرىل بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23 يىللىقى» نى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش سۆھبەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

سۆھبەت يىغىلىشى ئاۋۋال ئىمام ئابدۇسالام ئالىمنىڭ شېھىتلەرگە ئاتاپ قىلغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغۇپۇر مۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ۋە باشقا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار سۆزگە چىقىپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدە بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ كۈننىڭ ئىبرەتلىرىنى ۋە تەسىرلىرىنى ئۆز ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىزنىڭ بۇ كۈننى نېمە ئۈچۈن خاتىرىلەيدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغۇپۇر مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ 23 يىللىقنى خاتىرىلەش يىغىنىغا خوش كەلدىڭلار. شۇ بارىن ۋەقەسى بىزنىڭ نۇرغۇن شېھىتلىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز جانلىرى ۋە ماللىرىنى، ئۆزنىڭ ياشلىق ھاياتىنى بېغىشلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان بىر قەھرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا، خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان تارىخى بىر ۋەقە. ھەمدە بۇ ۋەقە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق روھىنى ئويغاتقان تارىخى بىر ۋەقە. ئۇلار ئاشۇ ئىنقىلابقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشلىرىنى ياكى خىتاي تۈرمىلىرىدە يىتىشىنى بىلەتتى. بىلىپ تۇرۇپ شۇ سەپەرگە ئاتلاندى. نېمە ئۈچۈن؟ ۋەتەن، مىللەتنىڭ قايغۇسىنى، ئەنە ئاشۇ زېمنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ھۆرلۈكىنى، غۇرۇرىنى، دەپسەندە بولۇۋاتقان مىللىي كىملىكىنى، دەپسەندە بولۇۋاتقان ئاچا - سىڭىللىرىمىزنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرى بىلەن شۇ كۈرەشكە ئاتلاندى دۇنيادىن پاك ھالدا، خاتىرجەم ھالدا ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا قەھرىمانلارچە كەتتى. بىزچۇ؟ بىزمۇ شۇ ۋەتەنسىزلىكىنىڭ دەردىدىن، ۋەتىنىمىزنى شۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن بىز مانا مۇشۇ ۋەتىنىمىزدىن ئونمىڭلارچە ئۇزاق مۇساپە بولغان ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتىمىز.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى بارىن ئىنقىلابى شۇنداقلا بۇ ئىنقىلابنىڭ ئۇيغۇر دەۋالىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولسىمۇ، ئەمما كۈرەشنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە مۇستەقىللىققە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىيتىشتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى كۆپچىلىكنىڭ شېھىتلەرگە ۋە شۇنداقلا ۋەتەندە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.