ئاۋستىرالىيەنىڭ 3 چوڭ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.02.11
awstraliye-2019-fewral-namayish-0.jpg خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-فېۋرال، ئاۋسترالىيە.
RFA/Arslan

8‏-فېۋرال، يەنى جۈمە كۈنى ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى ئاۋستىرالىيەنىڭ 3 چوڭ شەھىرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا يەنە نۇرغۇن يەرلىك ئاۋستىرالىيەلىكلەر ۋە ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ نامايىش توغرىسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئەپەندى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادىلايد، سېدنىي ۋە مېلبورۇن قاتارلىق ئۈچ چوڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئادىلايد شەھىرىدە 2‏-ئاينىڭ 8‏-كۈنى نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئادېلايدتىكى نامايىشىمىزنىڭ كۆلىمىز بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بۇنىڭغا 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى ۋە ئاۋسترالىيە پارلامېنتتىن بىر قىسىم ئەربابلارمۇ نامايىشقا قاتناشتى. ئوخشاش ۋاقىتتا يېتە مىلبورۇن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان نامايىش ئۆتكۈزدى. مىلبورۇندىكى ئەمىر سۇلتان جامەسىدە يەنە «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەجەسى» نىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىلبورۇندىكى بىر قىسىم تۈرك قېرىنداشلار بىلەن بىرگە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. سىدنېيدا ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى بۇ نامايىشتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.»

نۇرمۇھەممەد ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا باياناتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مېلبورۇن شەھىرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقى تەلەپ قىلىنغان. نامايىشچىلار بىردەك، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات!»، «ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمىز!» دېگەندەك شوئارلار توۋلىغان.

مېلبورۇن شەھىرىدىكى نامايىش توغرىسىدا نامايىشقا قاتناشقان تاش ھاجى بىزگە مەلۇمات بەردى. ئۇ مېلبورۇندىكى نامايىشقا 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر شۇنداقلا بىر قىسىم ئاۋستىرالىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشقا قاتناشقان ئاۋستىرالىيەلىك تۈركلەردىن سەيفى سېيىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يەر شارىدا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك، خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولدى. ھەر كىم خىتايدىن قورقۇۋاتىدۇ، بىراق بىز خىتايدىن قورقماستىن، ئاللاھتىن قورقۇشىمىز كېرەك. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان، ھەر بىر تۈرك بىر ئىش قىلىشى لازىم. ئەڭ ئاددىيسى خىتاي ماللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەك.»

نامايىشقا قاتناشقان نۇران مۇلايىم خانىممۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل زۇلۇمنى داۋام قىلدۇرۇۋاتىدۇ، 21‏-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ زۇلۇم قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىز بىرلىشىپ ‹بۇ زۇلۇمنى توختات›! دېيىشىمىز كېرەك.»

تاش ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېلبورۇن شەھىرىدە يەنە ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە بۇ ۋەقەدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش ۋە دۇئا قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 8‏-فېۋرال كۈنى سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا «ئۇيغۇر دۆلىتى» ناملىق كىتاب يازغان ئاۋستىرالىيەلىك ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى دېيۋىد بروفېي ئەپەندىمۇ قاتناشقان ۋە نامايىشتا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىر خەلقئارالىق چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىنىڭ بەك قىيىن ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا ئاڭلىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ مەسىلىگە قىزىقتۇرۇش ۋە قايىل قىلىشقا تامامەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىشى، ھەمكارلىشىشى ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.