2015-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى گوللاندىيەنىڭ ئۈترېخت ئۆلكىسىگە قاراشلىق زەسيت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى» نى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىدى.
يىغىنغا ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت قۇرئان كېرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئىيسا قارىھاجىم بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىجابىي ئەھمىيىتى ھەققىدە تەييارلانغان مەلۇماتلارنى سۇندى.
يىغىندا سۆزگە چىققان دىنىي زىيالىي ئابدۇلۋاھاپ قارىھاجىم شېھىتلىكنىڭ دەرىجىلىرى ۋە ھەققانىيەت يوللىرىدا تۆلەنگەن بەدەللەرنىڭ ھامان بىر كۈنى مېۋىسى كۆرۈلىدىغانلىقىنى تارىختىكى جانلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەسھابۇلكەھفدىكى ھەققانىيەتچىلەرنىڭ ئېتىقادىدا مەھكەم تۇرۇشى، 300 يىلدىن كېيىنكى بىر قوۋمنىڭ ھېدايەت تېپىشىغا سەۋەب بولغاندەك، بارىن ئىنقىلابىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ قەيسەر روھى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىستىقبالىغا بىر سەۋەب بولۇپ قالغۇسى دەپ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتە يەنە، شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى ۋە ئىلاھىي ئوقۇلدى. پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە خانىم-قىزلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر جەمئىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 14 دىن 19 غا قەدەر داۋام قىلدى. پائالىيەت ئەھلى ئارىلىقتىكى دەم ئىلىشلاردا بىرلىكتە غىزالىنىپ ۋە ناماز ئوقۇپ قېرىنداشلىقنى چېڭىتتى، ئۆز-ئارا ھال-مۇڭ ئېيتىشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئەركىن بەس مۇنازىرە قىلىپ قايتىشتى.