گېرمانىيەدە «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

5-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بۇنىڭدىن 28 يىل مۇقەددەم يۈز بەرگەن «بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئاپرېل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا ميۇنخېن ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

نامايىش باشلىنىش ئالدىدا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىرى ئالدى بىلەن «بارىن ۋەقەسى» نىڭ جەريانى، تارىخىي ئەھمىيىتى، ئۇنى ھەر يىلى خاتىرىلەشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق نامايىش جەريانىدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمان جامائىتىگە «بارىن ۋەقەسى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى. نامايىش جەريانىدا ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، خىتايچە شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىنى لەرزىگە سالدى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن زېبىبۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «بارىن ۋەقەسى» نى ئەبەدىي ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن تۈرلۈك لوزۇنكىلار ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، لوزۇنكىلارغا يېزىلغان شوئار ۋە بەلگىلەر كوچىدىن ئۆتكەن-كەچكەن گېرمان جامائىتىگە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىش رولىنى ئۆتىدى.