باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ 6 نەپەر ئەمەس، 9 نەپەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكلىرى ساقچىلارنىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئاشكارا بولۇشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى. دىلشات رىشىت سۆزىدە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات باسقۇچىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇچۇرلارنى تەلتۆكۈس كونترول قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى، خۇددى يوشۇرۇلغان ئۈچ ساقچىنىڭ ئۆلۈمى ئاشكارىلانغانغا ئوخشاش باشقا تەپسىلاتلارنىڭمۇ ھامىنى ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەۋەرلەردە تېخىچە سىر تۇتۇلۇۋاتقان، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن 28 گۇماندارنىڭ تولۇق كىملىكلىرىنى ئېلان قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
18 - سېنتەبىر باي ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى 5 نەپەر ساقچى ئۆلتۈرۈلگەندىن باشقا، ئوپېراتسىيە داۋامىدا يەنە 4 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، باي ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىدىكى ئاشكارىلانمىغان نۇقتىلار ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ قايتىدىن دىققىتىنى تارتتى.
بۇ ھەقتە رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىدە خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر ئېلىش ۋە ئۇچۇر تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماسلىقى كېرەك، ئىككىنچىدىن رايوندا تەرەپسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك.»
بۈگۈنكى دەۋردە ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى تەلتۆكۈس يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى، تەپسىلاتلارنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن يېتەرسىز بولسىمۇ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى مەلۇماتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دىلشات رىشىت ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ۋەقەلەردە بىر تەرەپلىمە خەۋەر بېرىشنىڭ ۋەقەنى چۈشىنىشكە يېتەرسىز، ھەتتا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي تەرەپنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىققا چاقىردى.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق يالغۇز ئۇيغۇر ۋە دۇنيا خەلقىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىنى يەنى خىتاي خەلقىنىمۇ ئالدىماقتا، خىتاي خەلقىنى ئۆزى ياشاۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى تولۇق چۈشىنىشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرماقتا، بولۇپمۇ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھاياتىنىمۇ خەتەرگە ئىتتەرمەكتە.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زور تۈركۈمدە ئېقىپ كېلىشىدە خىتاينىڭ رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىدىن باشقا، رايوندىكى ئادالەتسىزلىك ۋە جىددىيلىكتىن ئىبارەت رېئال ۋەزىيەتنى ئۇلارغا بىلدۈرمەسلىكتەك بىخۇدلاشتۇرۇش تەدبىرنىڭمۇ رولى بار، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
دىلشات رىشىت خىتاينىڭ باي ۋەقەسىنى كېچىكتۈرۈپ ئاشكارىلىغاندىن باشقا، تەپسىلاتىنى تېخىچىلا تولۇق ھالدا ئاشكارىلىمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، ۋەقەدە تېخى يەنە مەلۇم بولمىغان، خىتاي تەرەپ ئۆزى سادىر قىلغان خاتالىق ياكى جىنايەتلەرنىڭ بارلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى. بولۇپمۇ ئۇ، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن 28 گۇماندارنىڭ كىملىكىنى تا ھازىرغىچە تولۇق ھالدا ئاشكارىلىمايۋاتقانلىقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە ۋەقە گۇماندارلىرى ئارىسىدا 7 نەپەر ئانا ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
دىلشات رىشىت بۈگۈنكى باياناتىدا، ۋەقەدە ئۆلگەن ئانا - بالىلار سانىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينى 28 گۇماندارنىڭ كىملىكىنى تولۇق ئاشكارىلاشقا دەۋەت قىلدى: «ئاتقىنىنى، ئۆلتۈرگىنىنى ئاشكارىلىغان ئىكەن، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىملىكلىرىنى ئاشكارىلاشتىن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ دېمەك، بۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ئانا - بالىلارنىڭ بارلىقى راست، ئۇلارغا قارىتا بىر جىنايەتنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ئېنىق بىر ئېھتىماللىق.»
باي ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن 28 گۇمانداردىن 17 نەپىرىنىڭ كىملىكى رادىئومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى يەنى ئىككى يېتەكچى مۇسا توختىنىياز بىلەن مەمەت ئەيسانىڭ كىملىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قالغان 11 نەپىرىنىڭ كىملىكى تاز ھازىرغىچە خىتاي تەرىپىدىن سىر تۇتۇپ كېلىنمەكتە.
0:00 / 0:00