ئۇيغۇرلار ھەققىدە ب د ت دا بولغان تالاش-تارتىشلار گېرمان تاراتقۇلىرىدىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.06.04
bdt-xitay-gherb-talash-tartish-2.jpg ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسىنىڭ ياردەمچىسى كەللىي كۇرېي(ئوتتۇرىدا) خىتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرماقتا. 2018-يىلى 21-ئاپرېل.
Photo: RFA

21-ماي ب د ت دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپ ئۆتكەن تالاش-تارتىشلار گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى گېزىتى» دىن ئورۇن ئالدى.

2-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى گېزىتى» ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دا بولۇپ ئۆتكەن غەرب دېموكراتىك ئەللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «خىتاينىڭ يېڭى سىياسىي ئىشەنچى» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدا دولقۇن ئەيسانىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈنگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ھازىر باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئىكەنلىكى، 2006-يىلى گېرمانىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن چىقىرىلغان خەلقئارا ساقچىدىكى قىزىلباشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ 20 يىل داۋاملىشىپ، ئاخىرى بۇ يىل 2-ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، خىتاي دولقۇن ئەيسانى تۇتۇش مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ب د ت دا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي تەرەپ ‹تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى› نىڭ ب د ت دىكى مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دولقۇن ئەيسامۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىدى. بۇ يىغىندا تۈزۈلگەن سەپ روشەن ئىدى: بىر تەرەپتە گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا. يەنە بىر تەرەپتە خىتاي، رۇسىيە، ئىران، كۇبا ۋە پاكىستان. ئىككى تەرەپ كەسكىن مۇنازىرە قىلىشتى. بۈگۈن كىشىنى پەرىشان قىلىدىغان ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر كۈن بولدى، ب د ت يېڭى بىر تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى دېگەندەك ئىبارىلەرمۇ تىلغا ئېلىندى.»

ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ «گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنى خىتايغا نىسبەتەن تېررور تەھدىتى بولغان بىر كىشىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ قاراۋاتقانلىقى، بۇ خىل تەشۋىقات گەرچە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا سەھنىدە تۇنجى قېتىم كۆزگە چېلىققانلىقى، خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سەھنىسىدە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىشقا باشلىغانلىقى شەرھىيلەنگەن.

دەرۋەقە، 21-ماي ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي كېڭىشىنىڭ 17-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار يىغىنىدا خىتاي تەرەپ بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىشلار بولۇپ ئۆتكەن. خىتاي تەرەپ دولقۇن ئەيسانى «ئىلگىرى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، خىتاينى پارچىلاپ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش مەقسىتى بولغان، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان شەخس» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي ۋەكىلى يىغىندا مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر شەخس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلارمۇ بار. ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ جۇڭگودىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار. ئەگەر ئۇ گېرمانىيە پۇقراسى بولسا ياكى ئۇنىڭدا گېرمانىيە پاسپورتى بولسا، بۇ ئۇنىڭ بىخەتەر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەزى شەخسلەر ئامېرىكا ياكى گېرمانىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بۇ مەزكۇر شەخسنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ شەخس جۇڭگو ياكى باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا بىزدە تېرورچىغا قارشى ئورتاق ئۆلچەم بولۇشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ب د ت دىكى يىغىندا يەنە گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنى «تېررورلۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەپ، «بۇ شەخس ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە ھەمىشە جۇڭگوغا قارشى ‹جىھات› نى تەرغىب قىلىدۇ. بىز بۇ پاكىتلارنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدىن تاپالايمىز. بىز ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرىنىڭ ‹قوش ئۆلچەم› قوللىنىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز سىلەرنىڭ بۇ شەخس ھەققىدىكى بايانلىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىز كۆرسەتكەن پاكىتلار بويىچە ئەستايىدىل باھالاپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن. خىتاي ۋەكىلى يەنە دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن قالدۇرۇلغان خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، بۇ قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش پۈتۈنلەي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەلىك باش كاتىپى ۋە ئامېرىكىلىق قانۇن ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورىنىڭ قىلمىشىدىن ئىبارەت. ئۇلار بۇنداق قىلىشتا ھېچقاچان ئەزا دۆلەت بولغان جۇڭگو بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن. شۇڭا بۇ پۈتۈنلەي تەرتىپكە خىلاپ بولغان، مەلۇم مەقسەت يوشۇرۇنغان قىلمىشتىن ئىبارەتتۇر،» دېگەن. بۇ مەسىلە «خىتاينىڭ يېڭى سىياسىي ئىشەنچى» ناملىق باش ماقالىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 30-ماي كۈنى خىتاي تەرەپ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن «‹تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى› نىڭ ب د ت دىكى مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش» ئۈچۈن ب د ت غا سۇنغان نوتىسىنى قايتۇرۇۋالغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختالغاندا ئۇ د ئۇ ق نىڭ ب د ت دا خىتاي ئۈستىدىن غەلىبە قازانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا بەرگەن يازما جاۋابىدا بۇ غەلىبىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مەسلىھەتچىلىك ئورنىمىزنى ئىشەنچكە ئېرىشتۈرەلىگەنلىكىمىزدىن كۆپ مەمنۇنمىز. خىتاي تەرەپ پائالىيەتلىرىمىزنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن شۇنىسى مەلۇمكى، بۇ دېكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنىڭ ئارتىپ بېرىشىنىڭ بىر بىشارىتىدۇر. مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلارغا بولغان تاجاۋۇزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ب د ت دىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش دەرىجىسىگە قەدەر يۈكسەلمەكتە. ب د ت نىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلماسلىق ئۈچۈن بىزنىڭ خەلقئارالىق بىر بەس-مۇنازىرىگە جىددىي ئېھتىياجىمىز بار.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.