ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە مۇزاكىرە تېمىسى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.24
bdt-yighin-dolqun-eysa.jpg دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كانادا سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئىرۋىن چوتلەر بىلەن. 2016-يىلى 23-فېۋرال، جەنۋە.
RFA/Ekrem

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن باشقا يىغىندا سۆزگە چىققان سابىق دىپلوماتلارمۇ تىلغا ئالغان. ئۇيغۇر ۋەكىللەر يىغىندىن كېيىن بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

«كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن جەنۋە ئالىي ئۇچرىشىشى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن 23-فېۋرال جەنۋەدە باشلانغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە سابىق دىپلومات كېرەم شىرىپ قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسانىڭ 23-فېۋرال جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى، سىياسەتچىلەر بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

يىغىننىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇزاكىرىسىدە، خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ۋە بۇ رايونلاردىكى ۋەزىيەت قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئالدى بىلەن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن جەنۋە ئالىي ئۇچرىشىشى» ناملىق بۇ مۇنبەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلار ۋە مۇزاكىرىلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەسىلىسىمۇ يىغىندا نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ باسقۇچتا خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان.

شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان سابىق دىپلومات كەرەم شىرىپ ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئىلگىرىكى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يېرى بولسا، بۇنىڭدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىبەت مەسىلىگە قارىغاندا كۆپ ۋە جانلىق رەۋىشتە تىلغا ئېلىنىش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغاندىن باشقا، شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى داۋىد ترامپل، كانادانىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئىرۋىن كوتلېر ئەپەندىم قاتارلىقلار خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان زاتلارنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.