غوجىمەمەت جاپپار: خەنزۇچە ماتېرىيالنى ئوقۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈن تۈرمە ساقچىلىرى ئۇرۇپ چىشىمنى چۈشۈرۈۋەتتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.10.28
erzdar-ghojimemet-jappar-1.jpg خوتەن قاراقاشلىق ئەرزدار غوجىمەمەت جاپپارنىڭ كىيىمىگە يېزىۋالغان ئەرزنامىسى. 2015-يىلى يانۋار(ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Shohret

3 يىللىق تۈرمە ھاياتى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن ئەرزدار غوجىمەمەت جاپپار خىتايچە ماتېرىيالنى ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تەلۋىلەرچە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ خىتايچە يېزىلغان تۈرمە بەلگىلىمىسىنى ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ گەرچە ئۆگىنىش ئارقىلىق خىتايچە سان-ساناقلارنى دەپ بېرەلەيدىغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ماتېرىيالنى ئوقۇشقا ساۋاتى يەتمىگەن. بۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارالىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئۇنى ئۇرۇپ چىشىنى چۈشۈرۈۋەتكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئالاقىدار كەنت سېكرىتارىمۇ، سابىق مەھبۇس غوجىمەمەت جاپپارنىڭ تۈرمىدىكى چېغىدا ئۇرۇپ چىشى چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە، غوجىمەمەت جاپپارنىڭ ئادەتتە ئۇرۇش-جېدەلدىن ئۇزاق، مەھەللە-كوي بىلەن ئۆم ئۆتىدىغان مۇلايىم تەبىئەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.