خىتاي كادىر (ئۇيغۇر ئەرزدارغا): «شى جىنپىڭنىڭ ئەمەس، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.12.07
Uyghur-erzdar-Tursun-Ghopur-Beijing-kowruk-astida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن يېڭى بىر ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كېلىشىنىڭ يوللۇقلۇقى ۋە ئۇلارنى ئالداپ ياكى مەجبۇرىي ئەكېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مۇشۇ بويىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەرزدارلارغا زوراۋانلىق قىلغان بەزى كادىرلار قانۇن بويىچە جازالانغان.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان يوپۇرغىلىق ئەرزدار تۇرسۇنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بېيجىڭغا يېقىندا قايتا ئەرز قىلىشقا كەلگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي يوپۇرغىدىن ئىز قوغلاپ كەلگەن خىتاي كادىر تەرىپىدىن تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىسىدىن تارتىپ-سۆرەپ ئېلىپ مېڭىلغان، بۇ چاغدا تۇرسۇنجان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ھۆججىتىنى بۇ كادىرنىڭ ئىسىغا سالغان. بۇ خىتاي كادىر: «بۇ ئىشتا بۈگۈن شى جىنپىڭنىڭ ئەمەس، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب» دېگىنىچە، ئۇنى بېيجىڭدىن ئېلىپ كەتكەن.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.