چاقلىق ئورۇندۇقتىكى 12 ياشلىق ئۇيغۇر بالا رامانجان نامايىش مەيدانىنى لەرزىگە سالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.03.19
ramanjan-bir-awaz-bir-qedem.jpg چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىغا قاتناشقان رامانجان. 2018-يىلى 15-مارت، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار 15-مارت كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى 14 دۆلەت 18 شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىشماقتا. بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىش قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نامايىشقا قاتناشقان 12 ياشلىق رامانجان ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. مەدىنە خانىم ئوغلى رامانجان بىلەن بىرلىكتە 600 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نامايىشىغا قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ھېكايىسى مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىنى ياشلاپ، ئۇلارغا غۇرۇر ۋە ئىلھام بېغىشلىماقتا.

15-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى نامايىشىغا قاتناشقۇچىلاردىن پەرىزات خانىم ۋاتىسئاپتا چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن ميۇنخېندىكى نامايىشقا قاتناشقان 12 ياشلىق ئۇيغۇر بالا رامانجان ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلغان. ئۇ، چاقلىق ئورۇندۇقتىكى ئوغلىنى ئىتتىرىپ 6-7 سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ، نەچچە قېتىم پويىز ئالمىشىپ ميۇنخېنغا يېتىپ كەلگەن قەيسەر ئانا مەدىنە خانىمنىڭ مىللىي روھى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن. پەرىزات خانىم، چاقلىق ئورۇندۇقتىكى 12 ياشلىق رامانجان بىلەن قەيسەر ئانا مەدىنە خانىمنىڭ سۇنماس روھىنىڭ ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان نامايىشلارغا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر جامائىتىگە قوشۇلۇپ ياشاشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئاجايىپ بىر دەرس بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىمقى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئامېرىكىدىكى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش مەيدانىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە توختالدى.

روشەن ئابباس خانىم، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىش قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نامايىشقا قاتناشقان 12 ياشلىق رامانجاننى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. 600 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ئوغلىنى چاقلىق ھارۋا بىلەن ئىتتىرىپ ميۇنخېندىكى نامايىش مەيدانىغا ئېلىپ كەلگەن مەدىنە خانىمنىڭ روھىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز بۈگۈن، يەنى 19-مارت كۈنى گېرمانىيەدە ياشايدىغان بۇ يالغۇز ئانا-بالىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. نامايىشتىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن تەشەككۈر تېلېفونلىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەدىنە خانىم، شۇ كۈنكى نامايىشقا چاقلىق ھارۋىدىكى مېيىپ ئوغلىنى ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

مەدىنە خانىم، ئۆزىنىڭ بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئوغلىنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوينىدا تەربىيەلەپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى مىسلىسىز زۇلۇمنى بىلدۈرۈش بۇرچىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئوغلىغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزى جاپا چەكسىمۇ، كۆپ ھاللاردا پۇرسەت بولسىلا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نامايىشلارغا ئوغلى بىلەن بېرىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن، چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن مەكتەپكە بېرىپ-كېلىدىغان رامانجانمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا رامانجان ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 15-مارت كۈنى ميۇنخېندىكى نامايىشقا ئاپىسى بىلەن بىللە بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

رامانجان مۇنداق دېدى: «چۈنكى مەن ئۇيغۇر، مېنىڭ تومۇرلىرىمدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى. مەن گەرچە ماڭالمىساممۇ، ئەمما ھەممە يېرىم ساق. مەن ۋەتىنىمنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىمنى سۆيىمەن. شۇڭا يول قانچە يىراق ۋە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما مەن ئاپام بىلەن نامايىشقا كەلدىم!. . . »

مەلۇم بولۇشىچە، 15- مارت كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىغا قاتناشقان رامانجان شۇ كۈنى نامايىش مەيدانىدىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە نامايىشنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانلار رامانجاندىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى سورىغان. رامانجان ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشسا بولمايدىغانلىقىنى قايتۇرۇپ سورىغان ۋە يىغلاپ كەتكەن. رامانجاننىڭ يىغىسى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى تەسىرلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي روھىغا ئىلھام بەرگەن بولسا، نامايىشنى كۆرگىلى كەلگەن يەرلىك گېرمانلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.