ئىگىلىشىمىزچە، 21-سېنتەبىر بۈگۈرنىڭ بىرقانچە جايىدا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ناھىيە تەۋەسىدە بىرقانچە كۈنگىچە قاتناشنى ئۈزۈپ تاشلىغان.
نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر ساقچىخانىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدا، بولۇپمۇ پارتلاش يۈز بەرگەن يېڭىسار بازىرى بىلەن تېرەكبازار يېزىسىدا ئۆيمۇ-ئۆي بېسىپ نوپۇس ئېنىقلاۋاتقانلىقى مەلۇم.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار بازار بارتوغراق كەنتىنىڭ سېكرېتارى ئابلىكىم مەزكۇر كەنتنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بۇيانقى ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىسار بازىرى بىلەن تېرەكبازار يېزىسىدا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى قاتناشلار توختىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقماي ئولتۇرۇشى ئۇقتۇرۇلغان.
23-سېنتەبىردىن باشلاپ مەزكۇر يېزىدىكى كىشىلەر تالا-تۈزگە چىقىپ كۈندىلىك سودا-سېتىق ۋە ھويلا-ئاراملىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلىغان، ئەمما يېزا تەۋەسىدىن باشقا جايلارغا بېرىشىغا يەنىلا يول قويۇلمىغان.
مەزكۇر يېزىدىكى مەكتەپلەردىمۇ ئۇدا 3 كۈنگىچە دەرس توختىتىلىپ تاقالغان. بارتوغراق كەنتىنىڭ سېكرېتارى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۈگۈنمۇ بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەنت سېكرېتارى ئابلىكىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈردىكى زەنجىرسىمان پارتلاشتىن كېيىن كەنتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا جىددىي يىغىن ئېچىلغان. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ سانىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى، مەسئۇل كادىرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشى لازىملىقى ئۇقتۇرۇلغان.
يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇق بويىچە، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ مەسئۇل كادىرلىرى ساقچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ نوپۇس ئېنىقلاشقا باشلىغان. ئۇلار بۈگۈردىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن ئىلگىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلارغا سەپەر قىلغان كىشىلەرنىڭ تىزىمىنى تۇرغۇزغان. ھەر بىر ئائىلىدىن سىرتقا سەپەرگە چىقىپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىر قەيەردە، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئالاقىلىشىش ئادرېسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان سىرتتىن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىملەرنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار سۈرۈشتە قىلىنغان.
كەنت سېكرېتارى ئابلىكىم يەنە، پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى گۇماندارلار ئىچىدە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭمۇ ھەم بۈگۈرنىڭ ئۆزىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى، ئۇ گۇماندارلارنىڭ كىملىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا «خەۋىرىم يوق» دېگەن سۆز بىلەن جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق پارتلىتىش نىشانىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت، ساقچىخانا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم يەرلىك دېھقانلار يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا يېزا بازىرىغا سودىلىق قىلغىلى بېرىپ پارتلاش ۋەقەسىگە توغرا كېلىپ قالغان، بەزىلىرى ئېغىر يارىلانغان. ئۇ بارتوغراق كەنتىدىن بۇ قېتىملىق پارتلاشتا ئېغىر يارىلانغان ئىككى كىشىنىڭ يېڭىلا ئوپېراتسىيەدىن چىققانلىقىنى، تېخىچە ھوشىغا كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.