بىر ھىجرەتچى ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزى(1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2015.01.02
tayland-uyghur-musapir.jpg تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان لاگېردىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇن.
gokbayrak.com


يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاسپورتسىز چەتئەلگە چىقىش دولقۇنى ئەۋجگە چىققان بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن ھىجرەت تەشۋىقاتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يەر - ماكانلىرىنى، قولىدا بار ھەر نەرسىسىنى سېتىپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن.

بىر ھىجرەتچى ئۇيغۇر يۈرەك سۆزىنى ۋە ھىجرەت يولىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن. مەزكۇر ھىجرەتچى ئۇيغۇر سۆزىنى مۇنداق دەپ باشلىغان:«مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا قايتا ئوقۇمىدىم. ساتراشىلىققا شاگىرت بولۇپ ئىشلىدىم. تاپاۋىتىم يامان ئەمەس، جان باققىلى بولاتتى. ئەل - ئاغىينىلەر بىر يەرگە كەلسەك، ساپلا چەتئەل پارىڭى، ئىچىمگە بىر ئوت چۈشتى. ئولتۇرسام - قوپسام چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. توردىن چۈشۈرگەن «ھىجرەت تەسىراتلىرى» ناملىق بىر ئەسەر بۇ ئوتنى تېخىمۇ بەك يالقۇنلاتتى. بىزنىڭ يۇرتتىكى ئەرلەرنىڭ ساقال مەسىلىسى، روپاش ئاياللارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىقلار مېنىڭ ئەركىن دۇنياغا بولغان تەلپىنىشىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. چەتئەلگە چىقسام، مەسىلەن: سەئۇدىيغا بېرىپ راھەت ياشىيالمىسام، ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇيالمىساممۇ، ھېچبولمىغاندا ئافغانىستان، ئىراق ياكى سۈرىيەگە بېرىپ جىھاد قىلسام، بەرىبىر جەننەتكە كىرىمەنغۇ! دېگەن ئارزۇ ئارمانلار مېنى تېزرەك تۇتۇش قىلىپ يول مېڭىشقا ئۈندەيتتى.»

بۇ يازمىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن پاسپورت كېرەك، ئەمما چەتئەلدىن تەكلىپنامە ئەكەلدۈرۈپ پاسپورت بىجىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇق - تۇغقىنىمۇ يوق ئىكەن، ئوقۇش ئۈچۈن يول ماڭاي دېسە، بۇ بەرىبىر ئالدامچىلىق بولۇپ قالىدىكەن، چۈنكى ئۇ ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. زادى پاسپورت بىجىرەتتىم دېگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭغا ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىغا بېرىپ سوكۇلداشقا يەنە نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت كېتىدۇ. بېيجىڭغا بېرىپ كىمگە يالۋۇرۇپ يۈرىدۇ؟ بۇ يىگىت ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئىزدىنىپ يۈرگىنىدە مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، «خۇددى بۇلۇتلۇق ئاسماندا نۇرلۇق قۇياشنى كۆرگەندەك كۆڭلۈم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى، كۆڭلۈمگە بەك يارايدىغان ئاسان ئامال تېپىلدى» دەيدۇ ئۇ يازمىسىدا. ئەللىك مىڭغا پاسپورت بىجىرمەيدىغان، نەچچە مىڭ خەجلەپ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىغا سوكۇلدىمايدىغان، بىراقلا چەتئەلگە چىققىلى بولىدىغان ئاسان ئامال ئۇنىڭغا بەكلا خوش ياققان بولۇپ، ئۇنى مالايشىياغا پاسپورتسىز ئاپىرىپ قويغۇچى كىشى ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس، قىرىق مىڭ كوي پۇل تەلەپ قىلغانمىش. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئانچە كۆپمۇ ئەمەسكەن. ئۇلارمۇ بۇ ئىشنى جاننى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلىدىكەن. ئۇ ماقۇل بۇپتۇ دەپ، پۇلنى نەق تاپشۇرۇپتۇ.

بۇ يازمىىنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ:«بۇ پۇلنى نەدىن تاپقىنىمنى سورىمامسىلەر؟ ئاتا - ئانام بوۋىسدىن قېلىپ ماڭا ئايرىپ بەرگەن (مېنىڭ نامىمغا يەر خېتى بىلەن يازدۇرۇپ قويغان) ئۆينى ساتتىم. توغۇلغان ماكانىمغا قايتا كەلمەسلىككە ئاللىقاچان نىيەت قىلىپ بولغان ئىدىم. چۈنكى ئالدىمدا ئىككى يول بار: 1) ئەگەر چەتئەلدە تەلىيىم كېلىپ كاتتا باي بولۇپ كەتسەم، كەلگۈسىدە كېلىپ ئانا يۇرتۇمدا بىرەر ئۆي سېتىۋالسام بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، 2) ھىجرەت يولىدا، جىھاد يولىدا ئۆلۈپ كەتسەم، بەرىبىر جەننەتتە مېنى تېخىمۇ گۈزەل بىر ئۆي كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ شېرىن خىياللار ئىلكىدە مېنىڭ ئاتا - بوۋامدىن مىراس قېلىپ، رەسمىيىتىنى مېنىڭ نامىمغا ئۆتكۈزۈپ قويغان بىر قانچە ئېغىزلىق كونا ئۆيۈم كۆزۈمگە بەكلا ئاددى، كۆرۈمسىز كۆرۈندى. ئۆينى سېتىشقا ئالدىراپ، بەك باھا تالىشىپمۇ يۈرمەي بىر خەنزۇغا تېزلا ساتتىم. ئاڭلىسام بۇ خەنزۇ مېنىڭ ئۆيۈمنى يىقىتىپ ئورنىغا توققۇز - ئون قەۋەتلىك بىر بىنا سالارمىش. قانداق قىلسا قىلمامدۇ! مەن ئۇنىڭدىن يۈز يىگىرمە مىڭ كوينى نەق ئالغانغا خوش. نەچچە ئون يىل ئىگىرى يۇرتىمىزدىن قىيداپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەر ئاڭلىسام ھازىر چەتتە كاتتا داچا - سارايلاردا ئولتۇرارمىش. خۇدايىم بويرىسا، ماڭىمۇ شۇنداق كۈنلەر نېسىپ بولسا ئەجەپ ئەمەس! ئەلقىسسە، كېسەلچان ئاتا - ئانامنىڭ نارازىلىق ئارىلاشقان يالۋۇرۇشلىرىدىن ئىمكانقەدەر ئۆزەمنى قاچۇرۇپ، تەييارلىقلارنى پۈتتۈردۈم. پاسپورتسىز ئۇيغۇرلارنى چەتكە يولغا سالغۇچى كىشىگە قىرىق مىڭ كوينى ئالدىنئالا تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانام بىلەن خوشلاشتىم. ئۇلار بەرىبىر بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغانلار. بۇ دۇنيادا قايتا كۆرۈشەلمىسەك، ئاخىرەتتە جەننەتتە كۆرۈشەرمىز. ئۇلار مېنىڭ قەتئىي نىيىتىمنى كۆرۈپ، يىغلىغان ھالدا: «خۇدايىمغا ئامانەت بالام!» دېدى.»

بۇ يازمىىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دەسلەپ يۈننەنگە كېلىپ ئۇ يەردە بىر قانچە ئاي پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قاپتۇ. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىقكەن. مەسچىتلىرىمۇ زامانىۋى، كوچىدا مۇسۇلمان ئاياللار چىرايلىق ھىجاپلىنىپ مېڭىشىدىكەن. پۇرسەت كەلگەن كۈنى يۈزگە يېقىن كىشى كېچىسى ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ ۋېيتنامغا، ئاندىن تايلاندتىكى ئورمانلىققا كەپتۇ. ئۇلارغا يول كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇر بولغان بىلەن، بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار ئاساسەن خەنزۇلار ئىكەن. بۇلار مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى كەسىپ قىلىپ تىجارەت قىلىدىغانلار ئىكەن. بىر كىشىنى چېگرىدىن پاسپورتسىز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىرىق مىڭ ئالغان بىلەن، بۇنىڭ بىر قانچە مىڭىنى ئادەم تونۇشتۇرغۇچى ئۇيغۇر ئالسا، بۇنىڭ يەنە بىر قانچە مىڭى خەنزۇ شوپۇرغا، چېگرىدىكى قاراۋۇلغا پارا بېرىشكە، يول باشلىغۇچىغا، پايلاقچىغا... دېگەندەك بولۇپ، كۆپىنچە پۇل يەنە خەنزۇنىڭ چۆنىتىكىگە كىرىدىكەن. بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇرلاردا چەتئەل قىزغىنلىقى كۈنسايىن ئۆرلەپ كەتكەچكە، بۇ خىل تىجارەتتىن كېلىدىغان كىرىم، يەنى ئۇيغۇرلارنى چېگىرىدىن چىقىرىپ قويىدىغانلارنىڭ تاپاۋېتى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن. ئىشنىڭ چاتاق يېرى بۇ ئىشقا تەۋەككۈل قىلىپ قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاقىۋېتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئارقىغا يېنىشقا بولمايدىكەن. ئولتۇرىدىغان ئۆيىنىمۇ سېتىپ بولغان. ئەمدى يۇرتقا قايتسا نەدە ئولتۇرىدۇ؟! ئاتا - ئانىسىنىڭ تاپا - تەنىسى، دوست - دۈشمەننىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ؟! ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئالدىغان قاراپ مېڭىشلا بار، ئارقىغا قايتىش قەتئىي يوق!!

بۇ يازمىىنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ:«كېچىسى قاراڭغۇدا ئورمانلىققا كەلگەندە شۇنچىلىك قورقتۇمكى، ئىمانىم نەچچە گەز يۇقىرى ئۆرلىدى. «ئاللاھ، ئاللاھ!» دەپ چىن يۈرەكتىن زىكىر قىلىپ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولدۇم. مىڭ پۇشايمان قىلغىنىم بىلەنمۇ ئارقىغا قايتالمايتتىم. قولۇمدا پاسپورت يوق، يۈزدەك ھەمراھلار بىلەن ئورمانلىققا كەلدۇق. بۇ يەردىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تەسۋىرلەشكە تاقىتىم يوق. خۇتۇن، بالىلىرىنى ئېلىپ چىققانلار بار، كېسەلمەن ئاغرىقچانلار بار. مۇشۇنداق چاغدا ۋەتەننىڭ قەدرى بەك بىلىنىدىكەن. لېكىن ئەمدى بۇ باسقۇچتا ئارقىغا قايتتۇق دېگەنلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دېگەنلىك بىلەن باراۋەر. ئىشلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولمايۋاتاتتى. تىل بىلمەيمىز، يول بىلمەيمىز، ئىشىمىزنى قىلىدىغانلار قەدەمدە بىر پۇل ئالىدۇ. ناۋادا ۋېيتناملىق ئەسكەرلەرگە تۇتۇلۇپ قالساق، ئۇلار بىزنى ئۇدۇل جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ۋېيتنامدا تۇتۇلۇپ قېلىپ جۇڭگوغا قايتۇرۇلۇپ گۇاڭشىدىكى تۈرمىدە نەچچە ئاي سۇلاقتا يېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، ۋېيتنامدا ساقچىغا سۆز ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلىپ، ئۆلۈكى مۇسۇلمان مازىرىغىمۇ دەپنە قىلىنماي قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى بىزگە ئېنىق. چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلار بىزنى قانداق قىينىسا، تۈرمىگە سۇلىسا، كەلگەن يېرىمىزگە قايتۇرسا، ئۇلارغا نىسبەتەن ھەممىسى يوللۇق، قانۇنلۇق. نەدىن كەلگەنلىكىمىز ئېنىقلانسا، كەلگەن يېرىمىزگە قايتۇرىدۇ. بىز شۇ يەردە ياشاشتىن جاق تويۇپ قېچىپ چىققانلار بولغاندىكىن، ئۆلسەكمۇ كەلگەن يېرىمىزنى ساقچىغا تىنمايمىز. يېتەكچىنىڭ بۇيرۇقىسىز قىمىر قىلمايمىز. ھازىرچە نىيەت تۈركىيەگە بېرىۋېلىش بولغاندىكىن، ئەگەر بىرەرسى سوراپ قالسا، بىز تۈركىيەلىك تۈرك دېيىشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇغلۇق. لېكىن بۇ يالغاننىڭمۇ ئۆمرى چاغلىق. چۈنكى ھەقىقىي تۈركىيەلىك تۈركتىن بىرسى كېلىپ گەپ سورىسا، دەردىمىزنى راۋان ئاڭلىتالىغۇدەك تۈركچە سەۋىيە ھېچبىرىمىزدە يوق. ۋېيتنامدىن مىڭبىر تەسلىكتە تايلاندتىكى ئورمانلىققا كېلىپ «ئۇھ، خۇدايىمغا شۈكرى، بىر پەشتاق ئاتلىدۇق!» دېگەن بىلەن تايلاندتىن قاچان مالايشىياغا بېرىش، مالايشىيادىن تۈركىيەگە قاچان، قانداق بېرىش توغرىسىدىكى كونكرېت پىلان بىزدە يوق. بىلىدىغىنىمىز پەقەت ئاخىرىقى مەنزىل ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئورمانلىقتا قۇرت - قوڭغۇز، ھاشارەتلەرگە يەم بولغاچ خەۋەر كۆتۈش، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش، كەلگۈسى مەۋھۇم. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىمىزدىكى كېسەلچان، ئاغرىقچانلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقىلى تۇردى. يۇرتتىن ئېلىۋالغان سەپەر نانلىرى، ئوزۇق - تۈلۈكلەر تۈگەشكە باشلىدى. بۇنداق چاغدا پۇلمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىكەن. ئۆيىنى، بار - يوقى ھەممە نەرسىسىنى سېتىپ چىققانلار ئەمدىلىكتە بۇ كېچىسى قاراڭغۇ ئورمانلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇلنى ئايىماي سۇدەك خەجلەشكە باشلىدى. چىقىم دەسلەپتە ئۆتكۈزگەن قىرىق مىڭ كوي بىلەنلا تۈگىمىدى. جان تاتلىقكەن، ئىنسان جان ساقلاش ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىدىغان ئىشكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.