دالاي لاما خىتاينى، ئۇيغۇرلارنى شىددەت يولىغا مەجبۇر قىلماسلىققا چاقىردى

0:00 / 0:00

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلغان نۇتىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان. بۇ يىغىندا خىتاينى، ئۇيغۇرلارنى شىددەت يولىغا مەجبۇر قىلماسلىققا چاقىرغان.

مەزكۇر يىغىن تىبەتلەرنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، گېرمانىيە تىبەت تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ھامبۇرگ شەھەر باشلىقى ۋە تىبەتلىكلەردىن بولۇپ 1500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىلەر قاتناشقان ھەم دالاي لاماغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرگەن.

گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى
گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى


دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، دالاي لاما سەھنىدە بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇيغۇر دوپپىسى كېيىپ ئولتۇرغان.

تۆۋەندە ئەركىن ئالپتېكىن، دولقۇن ئەيسا ۋە ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭ.