تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا: قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئەسەبىيلىكتىن ئەمەس، تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتىم

0:00 / 0:00

تۇرپان يارغوللۇق تەشۋىقات چېمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا ھۆكۈمەتتىن ئىش ھەققىنى ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەل-جامائەت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ ئەھۋال ئۇنى ئۆزى سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا تۈرتكە بولغان. نىزام نەجىۋۇللا ئەسلى نۇتقىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى؛ ئۇ نۇتقى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشتىن كېيىن مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ ئەسەبىيلىكتىن ئەمەس، بەلكى مىللەتلەر ئارا تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ نۇقتىنى يەتكەن نىزام نەجىۋۇللا ھەرقايسى جايلاردا سۆزلىگەن 39 مەيدان نۇتقىغا پۇشايمان قىلغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.