دىنىي مەھبۇسنىڭ ئايالى: ئېرىم ناھەق جازالاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-2007-يىللىرى ئىلى تەۋەسىدە كەڭ كۆلەملىك دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ساقال قويغان، رومال ئارتقان، رۇخسەتسىز تەبلىغ قىلغان ۋە ھۆكۈمەت بېكىتكەن مەسچىت ئىماملىرىغا ئىقتىدا قىلىشنى رەت قىلغان نۇرغۇن ئەر، ئايال ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى، دىندار كىشىلەرنى قولغا ئالغان ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.

0:00 / 0:00

غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق غوجا ئەخمەت نىياز شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا قولغا ئېلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ جازا مۇددىتى 2014‏-يىلى 5‏-ئايدا توشىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇنىڭ ئايالى ئايشەم خانىمنى زىيارەت قىلىپ، غوجا ئەخمەت نىيازنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق. ئايشەم خانىم ئېرىنىڭ تۈرمىدىن تېزرەك چىقىشىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.