دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ۋاشىنگتوندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.02.15
Dolqunj-Eysa-Omer-Qanat-Sam-Brownback.jpeg دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىم بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 15-فېۋرال. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA/Irade

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار مەركىزى بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ يىغىننى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى مۇھىم ئورگان ۋە شەخسلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئاۋاز تەشكىللەش بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى لۇئىسا گىرىۋ خانىملار بىرلىكتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى-2019» ناملىق قانۇن لايىھىسىنىڭ ئىمزا قويغۇچىلىرىدىن بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى تېد يوخو، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قانۇن لايىھىسى- «ئۇيغۇر قانۇنى» نىڭ ئىمزا قويغۇچىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىگە مەنسۇپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمىن بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار يەنە كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى تېد كرۇز، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار بىلەنمۇ بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. بۇ ھەيئەت يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى، ئاق ساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان شۇنداقلا ئۇلاردىن ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇلار يەنە ئامېرىكادىكى مۇھىم تەتقىقات ئورگانلىرى، ۋاشىنگتون پوچتىسى قاتارلىق مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم شۇنداقلا ھەرقايسى دىنى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى شەخسلەر ۋە ئورگانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى بولسا «خەلقئارا ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا بېسىم سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا بىۋاسىتە رول ئويناۋاتقان شەخسلەرنى جازالاش مەسىلىسى بولغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئىجابىي تەرەققىياتلار بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ پات ئارىدا نەتىجىسى كۆرۈلۈشىگە بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ھېس قىلغان. 

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ لاگېردىكى ئۆلۈم خەۋىرى چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ۋىدىيوسىنى تارقىتىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى قوزغىلىپ خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ساھەسىدىمۇ دىققەت تارتقانلىقىنى ئېيتىپ، دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.