دولقۇن ئەيسا: «خىتاي مېنى توسالىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر داۋاسىنى توسۇپ قالالمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» نىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى (خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىلىق يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلىشتىن بۇرۇن) بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر. 2017-يىلى 26-ئاپرېل، نيۇ-يورك.

RFA

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقلارغا سوزۇلغان قولى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ «ئۇزۇن قول» نىڭ ھەر ۋاقىت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېتەكچىلىرىنى نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ كىشىلەرگە پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ھېكايىلەردىن بولۇپ كەلگەن ئىدى.

16-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ «ئۇزۇن قول» بىلەن يەنە بىر قېتىم روبرو تۇتۇشتى: بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇنقى تەكلىپكە بىنائەن شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابىدا چاقىرىلغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان دولقۇن ئەيسا  گېرمانىيە پۇقراسىلىق سالاھىيىتى بىلەن نيۇ-يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىنى «ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بىر مۇھىم قەدەم،» دەپ قارىغان دولقۇن ئەيسا ئويلىمىغان يەردە يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈنمەس «قوللىرى» نىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن يىغىن زالىغا كىرىشتىن مەھرۇم قىلىنغان. ئەمما يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەر دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت