دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسى ئايخان مەمەتنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دا قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن بىرىدە مەرھۇمەنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ۋاپات بولغانلىقىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ 3 ھەپتىگە يېقىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپىنچە ساقچىلار دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە گەپ قىلىشنى رەت قىلدى. بۇ جەرياندا ساقچى خادىملىرىدىن بىرى مەرھۇمە ئايخان مەمەت خانىمنىڭ كەلپىن ناھىيىلىك 2‏-تەربىيىلەش لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئايخان مەمەت خانىم ئۆتكەن ئاينىڭ 17‏-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا بۇ مۇسىبەت خەۋىرىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋەر تاپقان ئىدى. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن بىرىدە ئايخان مەمەت خانىمنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» دا قازا قىلغانلىقىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۈچ ھەپتىگە سوزۇلغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى مەزكۇر ئۆلۈم ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسىسى ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. كەلپىندىكى خادىملاردىن بىرى بۇ ھەقتە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلسا، يەنە بەزىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئورۇن سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنى كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇمە ئايخان مەمەت خانىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان كىشى قۇرۇلتاينىڭ ياردەمچى تەپتىشى پولات سايىمدۇر. ئۇ ئۆلۈم ھەققىدە ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى مەزكۇر ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ 3 ھەپتە كېچىكىپ ئاشكارىلىنىشىغا ئاساسەن مەرھۇمەنىڭ لاگېردا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىشقان.
ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا سورالغان مەرھۇمەنىڭ قايسى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بەزى خادىملار ئوچۇق ھالدا دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر خادىم دولقۇن ئەيسانىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر مەلۇماتنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كەلپىن بازىرىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى مەرھۇمە ئايخان مەمەتنىڭ جان ئۈزۈشتىن ئاۋۋال كەلپىن ناھىيىسىدىكى 2‏-تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەدىن يۇقۇملىنىش» بىلەن ئەيىپلىنىپ، بىر يىلدىن بېرى مەزكۇر لاگېردا «تەربىيە» لىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.