د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى زىيارىتى نامايىش بىلەن ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.10
Melborn-Namayish-2018-12-01.JPG ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 9-دېكابىر. مېلبورىن، ئاۋسترالىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررا، سىدنېي، ئادىلايد ۋە مېلبورىن شەھەرلىرىگە ئېلىپ بارغان 1 ھەپتىلىك زىيارىتى 9-دېكابىر كۈنى مېلبورىن پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش بىلەن ئاخىرلاشقان. نامايىشقا ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، ۋېيتناملىقلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا كۆپ قېتىم دوكلات بەرگەندىن سىرت، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە قول قويۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تىبەتلەر، ۋېيتناملىقلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىكتە مېلبورىن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى. 

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ نامايىشقا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئاۋسترالىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاۋسترالىيەدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. 

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇئىسا خانىملاردىن تەركىب تاپقان بۇ ھەيئەتنىڭ بىر ھەپتىلىك زىيارىتى قانداق ئۆتتى؟ قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلدى؟ ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى 4 جەھەتتىن خۇلاسىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتى جەريانىدا يۇرتداشلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە داۋاملاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.