شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئەنقەرەدە زىياپەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى
2013.02.19
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدە زىياپەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يېڭى رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم، باش كاتىپ دوكتور ئۆمەر قۇل، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت شاندىر، باش مەسلىھەتچى دوكتور شەنول بال، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىھات ماتكاپ ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى خالىق ئەخمەت، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.
تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى بولۇشى كېرەك
يىغىندا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرمەكچى بولغان ۋە ھەل قىلىش يولىدا چارە تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرنى ھېسسىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى ئەڭ رەھىمسىزلەرچە بىر شەكىلدە يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا قارشى تۈركىيىنىڭ بىر شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى بولۇشى ۋە ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەرگە خاتىمە بېرىلىشى ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قول كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك، ۋەزىيەتكە نىسبەتەن يېڭى قەدەملەر بېسىلىشى ۋە ئىستراتېگىيىنىڭ يېڭىلىنىشى ھەم ئىجرا قىلىنىشى كېرەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مەتبۇئات ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بەك مۇھىم.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەسەر ساكا خانىم، بۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىگە، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا شۇنداقلا دۆلەت كادىرلىرىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.