د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە رەھبەرلىرىگە ئىلھام توختى توغرىسىدا دوكلات سۇندى

0:00 / 0:00

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە بەزى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.

بۇ سەۋەبتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، د ئۇ ق مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى 23-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىپ تۈرك رەھبەرلەرگە 2013-يىلدىكى قانلىق ۋەقەلەر ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى سۇندى. ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەلىتاش ئەپەندى، ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى در. رەشات دوغرۇ، نەۋزات قورقماز، مەھمەت شاندىر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت گۈمۈش ۋە نەجدەت ئەجدەر ئەپەندىلەرگە مەزكۇر دوكلاتنى بەردى شۇنىڭدەك ئىلھام توختى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مۇستافا ئەلىتاش ئەپەندى بۇ دوكلاتنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.