بىر نەپەر ئۇيغۇر ئاسپىرانتنىڭ ئېيتىلمىغان ھېكايىسى: قىلتاققا ئىلىنىش (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-09-01
Share
urumchi-puqraliri-kech-bazar.jpg بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئالدىدىن تېلېفون سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

شاھىتلارنىڭ كەچمىش ۋە بايانلىرى ئالىي مەلۇماتلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىم بىلەن ئۇلارنىڭ ساراسىم ئىلىكىدىكى ئېغىر تىنىقلىرىنى ئاشكارا قىلماقتا.

يېقىندا نۇرغۇن مۇشەققەتلەر بىلەن ئەركىن دۇنياغا قەدەم قويغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئاسپىرانت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قورقۇنچ، ساراسىم ۋە تەشۋىش ئىلىكىدە ئۆتكەن ئاسپىرانتلىق ھاياتىدىن ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ھارپىسىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەزكۇر ياش ئەسلىدە قەلبىگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن، ئىلىم يولىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۈمىدلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر بىلىم قاتلىمىغا سالغان يوشۇرۇن تورى بۇ ئۈمىدلىك ياشنى چىرماپ ئېلىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى بەربات قىلىدۇ.

ئەينى چاغدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئارخىپىغا سېلىپ قويغان «سىياسىي ئېڭى تۆۋەن» دېگەن باھاسى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن خىزمەت تاپالماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.

باكالاۋرلىق ئوقۇش تارىخى تۇرۇپ ھېچيەردىن خىزمەت تاپالمىغان بۇ ياش ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستى چەتئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ دوستى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ نورمال سالام-سائەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مەخپىي خادىملىرى ئۇنىڭ چەتئەلدىكى دوستى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇنى مەخپىي سوراق قىلىدۇ.

مەخپىي ساقچىلارنىڭ قورقۇتۇشى، پوپوزا قىلىشى ھەمدە تىنىمسىز بېسىمى ئاستىدا ئۇ ئاخىرى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا ئىلىنىپ قالىدۇ. مەخپىي ساقچىلار ئۇنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قەرەللىك تۈردە ئۇنى ئىزدەپ، چەتئەلدىكى «بۆلگۈنچى» دوستى بىلەن ئالاقە قىلغان-قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭدىن قانداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە تىنىمسىز بېسىم قىلىدۇ.

ئوقۇش ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەردىن باشقا چەتئەلدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى بولمىغان بۇ ياش مەخپىي ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئېغىر روھىي بېسىمغا مۇپتىلا بولىدۇ. قورقۇنچ ۋە ساراسىم ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ….

ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، نېمىلەرگە شاھىت بولغانلىقى ۋە قانداق قىلىپ ئەركىن دۇنياغا قەدەم بېسىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت