گېرمانىيەنىڭ ستۇتتگارت شەھىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

2013-يىلى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن گېرمانىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، ھەر قايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بەزى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوشۇنى ستۇتتگارت پويىز ئىستانسىسىدىن شەھەر مەركىزىگىچە يۈرۈش قىلدى، يۈرۈش جەريانىدا «ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق»، «ھەممىمىز ئۇيغۇر!»، «بىزگە ئەركىنلىك!»، «بىزگە دېموكراتىيە!» دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى. نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىكى مەيدانغا يىغىلغاندىن كېيىن، نامايىشنىڭ تەييارلىق كومىتېتى نامىدا شەرقى تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇدى.

گېرمانىيەنىڭ ستۇتتگارت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش سائەت 15:30 دە باشلىنىپ 17:30 دە ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ نامايىشقا تۈرك جەمئىيەتلىرى، ئىراق تۈركمەن جەمئىيەتلىرى، ئەزەربەيجان جەمئىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزى مەسئۇلى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.