گېرمانىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
2018.12.10

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 10-دېكابىردىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئاۋات ساياھەت مەركىزى بولغان ئودېئونس مەيدانىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك بولۇپ كۆپساندا ئۇيغۇرلار، بىرقىسىم قېرىنداش تۈرك جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەڭ تۈردە تونۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» بىلەن «مېھرىبان ئانىلار» جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، تەشكىلات رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى گېرمان تىلىدا ئەتراپتىكى جامائەتكە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە، يەرلىك خەلق ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلاندۇرۇشقا تىرىشتى.
بۇ قېتىمقى نامايىش سېپىدىن ئورۇن ئالغان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلگىنە تاشمەمەتنىڭ ھەدىسى گۈلزىرە تاشمەمەتمۇ بۇ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بۇ كۈرەشنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 12 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئەنسار بولسا «مەن جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا كەلدىم،» دېدى.
نامايىش مەيدانىنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلار ۋە شېھىتلارنىڭ رەسىملىرى، «1 مىليون ئۇيغۇر لاگېردىن قويۇپ بېرىلسۇن!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار قاپلىغان ئىدى. جامائەت سائەت 2:00 دىن 3:30 قەدەر بىر يېرىم سائەت نامايىش ئۆتكۈزدى.