5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى ھارپىسىدا غايىپلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يەنىلا جاۋابسىز قالدۇرۇلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.05.07
5-iyul-weqeside-ghayib-bolghanlar-305.png 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن غايىب بولغان كىشىلەر (سول تەرەپ يۇقىرىدىن سائەت ئىستىرىلىكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە): مەمەتئابلا ئابدۇرېھىم، زاكىر مەمەت، مۇختەر مەخەت، تۇرسۇنجان توختى
Photo: RFA

5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 4 يىل بولىدىغانغا 2 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى. ۋەقەدە ئېتىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى خۇن ھېسابىنى ئاللاھغا تاپشۇرۇپ، سەۋر - تاقەتنىڭ كۈچى بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ۋەقەدە كېسىلگەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ ھاياتىنى كۈن ۋە ئاي ساناپ ئۆتكۈزمەكتە. ۋەقەدە ئېتىلمىغان ياكى كېسىلمىگەن،ئەمما غايىپ بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بولسا يەنىلا قان يىغلىماقتا. چۈنكى ئۇلار ئارىدىن 4 يىل ئۆتكىنىگە قارىماي يەنىلا جاۋابسىز قالدۇرۇلماقتا؛ ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ تېنى ئەمەس، ئۇچۇرىنى ئېلىشقىمۇ چارىسىز يەنى ئۆز - ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشكىمۇ چارىسز ياشىماقتا.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن مانا بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار ئىگىلىدى.

غايىپلار ئائىلە - تاۋباتلىرىدىن سۇدىخان ھاجىم ۋە قۇربانگۈللەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب كۈتۈشتىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكىنى، بىردىن - بىر ئۈمىدى خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم كۈتۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، مەسىلىنىڭ يالغۇز غايىپلار ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دەردى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، تەشكىلاتلارنى بۇ ھەقتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە چاقىردى.

پرورگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى ئاۋاز خاتىرىسىدىن ئاڭلايسىلەر:

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.