5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (30)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.02.28
Ablajan-Sulayman.jpg «5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 29-قىسمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئابلاجان سۇلايماننىڭ سۈرىتى.
RFA/Shohret Hoshur

5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن رادىئومىز تەرىپىدىن ئەڭ يېقىندا بايقىغان توختىئەلى ھاشىمنىڭ ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى ئاشكارىلاندى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە غايىب توختىئەلىنىڭ ئانىسى، ئاكىسى ۋە ئاشخانا خوجايىنىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

مەلۇم بولۇشىچە، توختىئەلى ھاشىم، قەشقەر توققۇزاقنىڭ ئاۋات يېزا 7-كەنت 3-گۇرۇپپىسىدىن بولۇپ، 1988-يىلى تۇغۇلغان ۋە قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە ئىش ئىزدەپ چىققان. 2009-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى 615-نومۇرلۇق دۇكاندا يەنى سۇلايمان ئىسىملىك بىر تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىدا ئىشقا چۈشكەن. 5-ئىيۇلدىن بىر كۈن كېيىن توختىئەلى ھاشىمغا بىر ھادىسە كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرغان سۇلايمان، مەزكۇر ئائىلىدىكىلەرنى ئۈرۈمچىگە دەرھال يولغا چىقىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلار يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قايتا-قايتا سورىغاندىن كېيىن «ئۇنىڭغا ئوق تېگىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەرھال يولغا چىقىڭلار» دېگەن. ئۇلار چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ، ئۇلانباي ئەتراپىغا كەلگەندە ساقچىلار ئۇلارنى شەھەرگە كىرگۈزمىگەن ۋە 10-20 كۈن ئۆتكەندە ۋەزىيەت پەسەيگەندە كېلىشىنى بۇيرۇغان.

ئۇلار قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاشخانا خوجايىنى سۇلايمان، مەزكۇر ئائىلىگە تېلېفون قىلىپ يەنە دەرھال يولغا چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. 5-ئىيۇلدىن 6-7 كۈن ئۆتكەندە توختىئەلى ھاشىمنىڭ ئانىسى بىلەن ئاكىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئالدى بىلەن ئاشخانا خوجايىنى سۇلايمان بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشكەندە سۇلايمان بىردىنلا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، توختىئەلى ھاشىمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ئوق تەگكەنلىك ئەھۋالىنى قايتا تىلغا ئالمىغان. ئائىلە ئارقا-ئارقىدىن سوراپ تۇرۇۋالغىنىدا، ئاشخانىدىن چىقىپ يولدا بىللە كېتىۋېتىپ، توختىئەلىنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەزكۇر ئائىلە يەر شارى مېھمانخانىسىغا تەسىس قىلىنغان غايىبلارنى تىزىملاش ئورنىغا سۇلايماننىڭ بىللە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، سۇلايمان بىللە بېرىشنى رەت قىلغان ۋە ئائىلىگە توختىئەلىنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆتۈرگۈزۈپ، ئاشخانىدىن ئۇزىتىپ قويغان. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە 3 قېتىم كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمىغان مەزكۇر ئائىلە، ئۆز يېزىسىدىن سىرتقا ھېچ چىقىپ باقمىغان بولغاچقا، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ پېتىنالمىغان. ئىقتىسادى جەھەتتىن تېخىمۇ ئاجىزلىغان ئائىلە ئاخىرى توختىئەلى ھاشىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.

بىز توختىئەلى ھاشىمنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن مەزكۇر ئاشخانا خوجايىنى سۇلايماننى ئىزدىدۇق:

سوئال: سىز سۇلايمانمۇ؟
جاۋاب: سىز كىم؟

سوئال: سىز ئاشخانا خوجايىنى سۇلايمانمۇ؟
جاۋاب: مەن ئاڭلىيالمايۋاتىمەن گېپىڭىزنى.

سوئال: ‏5-ئىيۇلدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن، سىزنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتچىڭىز توختىئەلى ھاشىم ھەققىدە مەلۇمات سورىماقچىدىم.
جاۋاب: مەن ئۇ ئىشلارنى ئۇقمايمەن.

سوئال: ئوق تەككەن يەردە سىز بارىكەنسىز، نەق مەيداندا نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
جاۋاب: بۇ ئۇزۇن بوپكەتكەن ئىش، مەن دەپ بېرەلمەيمەن. ماقۇل ئەمىسە، ھە، خوش.

سوئال: توختاڭ، بۇ بىر جان مەسىلىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانا خوجايىنى ئىكەنسىز، ھېچ بولمىدى دېگەندە مەلۇمات بېرىش مەسئۇلىيىتىڭىز بار. سىز توختىئەلىنى ئىشلەتكەن ئەمەسمۇ؟
جاۋاب:...................................................

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، توختىئەلى ھاشىمنىڭ 5-ئىيۇل كۈنى ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە، مەلۇم بولۇشىچە ئاشخانا خوجايىنى سۇلايمان دەسلەپتە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەھۋالنى ئائىلىسىگە مەلۇم قىلغان. ئەمما كېيىن دائىرىلەر ئۇنى ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا، ئائىلىسىگە بىلدۈرمەسلىككە بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دەسلەپكى سۆزلىرىدىن تېنىۋالغان ۋە ئائىلىگە ماسلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

يۇقىرىدا «5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار» ناملىق مەخسۇس پروگراممىمىزنىڭ 30-قىسمىنى ئاڭلاتتۇق ۋە بۈگۈنگە قەدەر بۇ پروگراممىلىرىمىزدا جەمئىي 38 كىشىنىڭ كىملىكلىرى، غايىب بولۇش جەريانى، ئائىلىلەرنىڭ بايانلىرى ۋە بىر قىسىم ساقچىلارنىڭ ئىنكاس ۋە ئېتىراپلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.