مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن بىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى فورما كىيىمى بىلەن بولمىغاچقا، نامايىشچىلار قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلىپ غايىب بولغان.
ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ ئايۋاغ ساقچىخانىسىدا 2 يىلدىن بېرى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋە رەسمىي ساقچىلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىنىپ تۇرۇۋاتقان 24 ياشلىق شۆھرەت ئوسمان، دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىشىدىن رۇخسەت سوراپ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۇ 5-ئىيۇل كۈنى 2-دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان دادىسىغا سىرتتىن تاماق ئەكىلىۋاتقاندا نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ قالغان. ساقچىلار شۆھرەت ئوسماننىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشى ۋە دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ياردەمچى ساقچى شۆھرەت ئوسماننىڭ ئۇچۇرىنى ئۇنىڭ 30 يىللىق سوتچى ئانىسى مېھرىنىسا خانىم ھېچنەدىن ئالالمىغان.
مۇخبىر: سىز مېھرىنىسا خانىممۇ؟
مېھرىنىسا: ھە، مەن شۇ.
مۇخبىر: بىز، سىزنىڭ بىر ئوغلىڭىزنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى خەۋىرىنى ئۇقتۇق، بۇ توغرىمۇ؟
مېھرىنىسا: شۇنداق، توغرا.
مۇخبىر: ئوغلىڭىزنىڭ ئىسمى نېمىتى؟
مېھرىنىسا: شۆھرەت ئوسمان، شۇ يىلى 24 ياش. ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن، ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان، رەسمىي ساقچىلىققا ئىمتىھانغا تەييارلىنىۋاتاتتى.
مۇخبىر: دېمەك، ئوغلىڭىز ياردەمچى ساقچىمىدى؟
مېھرىنىسا: شۇنداق. ئايۋاغ ۋە دولان ساقچىخانىلىرىدا ئىككى يىل ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن.
مۇخبىر: ئۈرۈمچىدە نېمە ئىش قىلىۋاتقانتى؟
مېھرىنىسا: دادىسىنى داۋالاتقىلى ئەكەلگەنتۇق. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەلدۇق، 10 كۈندىن كېيىن بۇ ۋەقەگە يولۇقتۇق.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئوغلىڭىز نەدە ئىدى؟
مېھرىنىسا: سىڭلىم، يەڭگەم بىلەن بىللە دادىسىغا تاماق ئەكېلىۋاتقان، ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا بىر ئىشلار بولۇپ كېتىپ ساقچىلار ئوغلۇمنىمۇ تۇتۇپ مېڭىپتۇ. سىڭلىم بېرىپ ساقچىلار بىلەن سوقۇشۇپتۇ، بۇ بالا گۇناھسىز، دادىسىغا قاراۋاتىدۇ، قويۇۋېتىڭلار دەپ، بىر ئۇيغۇر ساقچى ئىشنى بۇزماڭ، گۇناھسىز بولسا قويۇۋېتىلىدۇ دەپ ئەكىتىپتۇ. شۇ ئەكەتكەن پېتى يوق.
مۇخبىر: شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈستىدە فورما كىيىمى يوقمىدى؟
مېھرىنىسا: يوقتى. دادىسىغا قاراۋاتقان بولغاندىكىن.
مۇخبىر: ئەگەر فورما كىيىمى بىلەن بولغان بولسىمۇ، بۇ خاپىلىقلاردىن ساقلىنىپ قېلىنىش ئېھتىمالى بولاتتى مەنچە.
مېھرىنىسا: مەن بولغان بولساممۇ، فايۇەننىڭ (سوتنىڭ) كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ بىر نەرسە دەپ باقاتتىم.
مۇخبىر: سىز سوتتا ئىشلەمسىز؟
مېھرىنىسا: شۇنداق سوتتا ئىشلەيمەن.
مۇخبىر: قايسى بۆلۈمدە؟
مېھرىنىسا: مەمۇرى سوت بۆلۈمىدە.
مۇخبىر: قانچە يىل بولدى سوتتا ئىشلەۋاتقىنى؟
مېھرىنىسا: 30 يىل بولدى، ئەمدى پېنسىيىگە چىققىلىۋاتىمەن. پېنسىيىگە چىقىپ ئوغلۇمنى ئىزدەشنى باشلايمەن. ھازىر بىر تەرەپتىن خىزمەت، بىر تەرەپتىن يولدۇشۇمنىڭ ئىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلۇمنىڭ ئىشى...
مۇخبىر: دېمەك ئوغلىڭىزنىڭ قايسى قاماقخانىغا ئەكىتىلگىنىدىن خەۋەر تاپالمىدىڭىزمۇ؟
مېھرىنىسا: ياق، ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدىم.
يۇقىرىدا 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 33-قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.