سېكرېتار رەيھاننىڭ غايىب ئائىلىسىگە قىلغان نەسىھىتى: ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز، بالىڭىزنى ئىزدىمەڭ
2013.09.24
غايىب ئوغلىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈستىدىن ئۆي ئىجارە بېرىلمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان ھېلاجى ئابدۇكېرىم، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى رەيھاننىڭ يېنىغا بېرىپ دەرد ئېيتقان.
سېكرېتار رەيھان ھېلاجىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۇناھنى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئەمەس، بەلكىم ھېلاجىنىڭ ئۆزىگە قويغان. ئۇ تەرەددۇتسىز ھالدا، «بالىڭىزنى ئىزدىمىگەن بولسىڭىز، بۇ كۈنگە قالمايتتىڭىز» دېگەن. رەيھاننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ھېلاجى ئائىلىسى، بۇنىڭدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ تەنبىھ ۋە تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش يولىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييارلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
سوئال: ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ باشلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: باردىم. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رەيھان دېگەن ئايالنىڭ يېنىغا باردىم.
سوئال: جاۋابى نېمە بولدى؟
جاۋاب: «بۇ ئۇقتۇرۇشنى مەن تۈنۈگۈن كۆرگەن، سىز بالىڭىزنى ئىزدىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن چىققان ئۇقتۇرۇش بۇ، بالىڭىزنى ئىزدىمىسىڭىز، مۇشۇ كۈنگە قالمايتتىڭىز» دېدى. مەن ھەيران قېلىپ، «سىز بىر ئانىمۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورۇدۇم؛ ئۇ «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن «9 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ باققان بىر ئانىنىڭ، بىر سىياسىي قانۇن سېكرېتارىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر ۋەكىلىنىڭ ئېغىزدىن چىقىۋاتقان گەپ مۇشۇمۇ؟» دەپ سورىسام، گەپ قىلماي پارقىراپ تۇرىدۇ.
سوئال: ئۇلارنىڭ دەيدىغىنى يەنى سىزدىن كۈتىدىغىنى نېمە؟
جاۋاب: ئۈرۈمچىدىن كېتىشىڭ كېرەك دەيدۇ. يۇرتقا (بەشكېرەمگە) كېتەيلى دېسەك، ئۇ يەردە يېرىمىز بار، ئۆي يوق، كىرىدىغان بىر تۆشۈكىمىز يوق. ئۇنداق قىلماڭلار، مۇشۇ يەردە باققاللىق قىلىپ كۈنىمىزنى كۈن ئېتەيلى دېسەك، مۇشۇنىڭغىمۇ ئۇنىمايۋاتمامدۇ. نەگىلا ئۆي ئىزدەپ بارسام، ئۆي بېرىلمەيۋاتىدۇ، مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ كاساپىتى بىلەن.
سوئال: تېلېفوننى قۇربانگۇلگە (ئايالىڭىزغا) بېرىڭ، بىر گەپ بار سوراپ باقىدىغان.
جاۋاب: ياخشىمۇسىز؟
سوئال: ياخشى، ياخشى. ئۆتكەندە تېلېفون قىلغان چېغىمدا بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىلەن كۆرۈشۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكىڭىزنى ئېيتقانتىڭىز....
جاۋاب: شۇنداق، ئۇ چاغدا يولدىشىمنى تۇتۇپ كەتكەن، مېنىمۇ، بالىلىرىمنىمۇ تۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ، كۆرۈشمەيلى دېگەنتىم.
سوئال: ئۇنداقتا، بۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىر بىلەن كۆرۈشمەسلىك پىلانىڭىزدىن ۋاز كېچىشىڭىزگە نېمە سەۋەب بولدى؟
جاۋاب: چۈنكى، بالىمىزنى ئىزدىمىسەكمۇ ئارامىمىزدا قويمىدى. بالا ئىزدىسەك ئىزدىدىڭ دەپ تۇتۇپ ئاپىرىپ سولاپ قويدى، ئىزدىمىسەك، يەنە ئارامىمىزدا قويماي، ئۆيىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىن كەت دەۋاتىدۇ.
سوئال: ئارىقىلىقلاردا بالا ئىزدەپ، ئۇ يەرگە-بۇ يەرگە بارغان ئىش بولغانمۇ؟
جاۋاب: يوق، 8 ئاي بولدى بىز تۇرمۇش ۋە جان ھەلەكچىلىكىدە، يوقاپ كەتكەن ئوغلىمىز ئەمەس، ھازىر قولىمىزدىكى 4 بالىمىزنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز، مۇشۇنىڭغىمۇ يول قويمايۋاتسا بىز قانداق قىلىمىز!؟
سوئال: دېمەك، غايىب ئوغۇلنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچتى دېسەك توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس؛ ئارىدىن 4 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مېنىڭ تېخى 4 كۈن بولغاندەك ئېسىمدە ۋە كۆز ئالدىمدا. بىز بىر مەزگىل مۇشۇ خەقنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىپ باقايلى دەپ ئىزدىمىگەن ئىدۇق. دېمەك ئىزدىسەكمۇ، ئىزدىمىسەكمۇ ئوخشاشلا ئاۋارىچىلىكتىن خالىي ياشالمايدىكەنمىز، بىز ئوغلىمىزنى ئەمدى ئىزدەيمىز، بېشىمىزغا نېمە كۈن كەلسە شۇنى كۆرىمىز!!!
يۇقىرىدا غايىب ئالىم ھېلاجى ئائىلىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سىياسىي قانۇن سېكرېتارى رەيھان بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا ئېرىشكەن جاۋابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.