غۇلجا ناھىيە ئويمانبايتوقاي كەنتىدىكى كوللىكتىپ تۇتقۇندا 41 كىشى قاماققا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.03.21
ghulja-weqesi-saqchi-herbiy.jpg غۇلجادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 1997-يىلى 5-فېۋرال.
Social Media

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزا ئويمانبايتوقاي كەنتىدىن 41 نەپەر ياشنىڭ ئۇشتۇمتۇت تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزدى؛ ئەمما ئۇچۇردا تۇتقۇنلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە 2 ئاي ئىلگىرى ساقچىلارنىڭ ئويمانبايتوقايدا كوللىكىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ تۇتقۇندا 220 ئائىلىلىك نوپۇسقا ئىگە بولغان ئويمانبايتوقاي كەنتىدىن 41 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. يەنى نۆۋەتتە ئويمانبايتوقايدا ھەر 5 ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئويمانبايتوقاي غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىغا تەۋە بىر كەنت. ئانسىكلوپىدىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئارائۆستەڭ يېزىسى مەمۇرى جەھەتتىن 12 كەنتتىن تۈزۈلگەن؛ نوپۇسى 2746 ئائىلە، 14700 جاندىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئارائۆستەڭدىكى ھەر بىر كەنتكە 220 ئائىلە، 1200 جاندىن نوپۇس توغرا كېلىدۇ. دېمەك ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئويمانبايتوقايدا داۋام قىلغان كوللىكتىپ تۇتقۇندا، ھەر بەش ئائىلىدىن بىر كىشى قاماققا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.