ئىگىلىشىمىزچە، 7-فېۋرال كۈنى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىكەن. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا توكيو ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تەكلىپ قىلىنغان.
5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن باشلاپ توكيو شىنجۇكۇدىكى كۆپ مەدەنىيەتلەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 7-فېۋرال ئەتىگەندە يەنە توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ قېتىم توكيودا چاقىرىلىدىغان 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئالدىن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ «5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەييارلىق كومىتېتى» قۇرغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ساتو ئەپەندى تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ: «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى 1997-يىلى يۈز بەرگەندە ياپونىيەدە مەتبۇئاتلاردىن ‹ئاساھى شىنبۇن› گېزىتى ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە قىسقىچە ئۇچۇر بەردى. شۇندىن بۇيان غۇلجا ۋەقەسىگە دائىر تۈرلۈك خەۋەر ۋە ئانالىز ماقالىلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىپ تۇردى. مەزكۇر ۋەقە 2008-يىلى ياپونىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ رەسمىي رەۋىشتە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىلدى. بۇ قېتىم يېڭىدىن قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە دائىرىسى ۋە مەزمۇنى بىر قەدەر كەڭ بولغان پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاپ، ھازىر بۇ ئىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. مەن پائالىيىتىمىزگە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە ياپونلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غالىپ مىجىت بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى زورلۇقىنى بىلدۈردى.
توكيودا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەييارلىق پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ياپونىيە خەلقىگە توغرا چۈشەندۈرۈشتە، بۇ پائالىيەتنىڭ بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داۋامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش ھەققىدە توختالدى.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.