ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى
2015.02.05
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلدىكىدەك بۇ يىلمۇ 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 5-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە بىردەك «غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون بېرىپ، نامايىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىلھام توختى ۋە غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن.
بۇ نامايىشنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىلەر نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇلار، ھاۋانىڭ نۆلدىن تۆۋەن 10 گرادۇس سوغۇق بولۇشىغا قارىماي بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشى قاتناشقانلىقىنى، قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، گېرمانىيە بايرىقى ۋە ھەر تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ھەمدە نامايىشچىلار بىردەك ھالدا تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.