ئەدلىيە خادىملىرى غۇلجىدا لاگېردىكىلەرنىڭ تۈركۈملەپ كېسىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.21
lager-yepiq-terbiyelesh-oginish.jpg ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجىدا يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ سوتلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ بۇ ھەقسىزلىققە بەرداشلىق بېرەلمەي سوت مەيدانلىرىدا ھۆكۈرەپ يىغلاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەر، غۇلجا ناھىيە ۋە ئىلى ئوبلاستلىق ئەدلىيە خادىملىرى تۈرلۈك شەخسىي سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ لاگېردىكىلەرنىڭ سوتلىۋاتقانلى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان تۆۋەندىكى ئۇچۇردا غۇلجىدا يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغانلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ سوتلىنىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن: «. . . ئۇ ياقتىكىلەرنىڭ ئەھۋالى بەك ناچاركەن. . . . . . تۈركۈم-تۈركۈملەپ سوتلىغىنى تۇرۇپتۇ. . . قانداق قىلىمىز؟ قانداق قىلىمىز؟! . . . قېرى بوۋاي-مومايلار نەۋرىلىرى يۈدۈپ بېرىپ سوت مەيدانلىرىدا ھۆر-ھۆر يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ دەيدۇ. ئۇ ياقنىڭ ئەھۋالى بەك يامانكەن. . .» 

بىز ئۇچۇردىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئاۋۋال غۇلجا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن غۇلجا شەھىرىدە ھازىرغا قەدەر ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى قانچىلىك كىشىنىڭ سوتلىنىپ بولغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ توغرۇلۇق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەتتا غۇلجا شەھىرى بويىچە قانچىلىك كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ناھىيە بويىچە «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى قانچىلىك كىشىنىڭ سوتقا تارتىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «بۇنداق بىر سوئالنى سورىشىمىزنىڭ خاتا بولىدىغانلىقى» نى ئېيتتى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ قانداق بىر «خاتالىق» بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىدى. 

بۈگۈن رادىيومىزغا بىۋاستە كەلگەن بىر ئۇچۇردا غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىندى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، لاگېردىكىلەردىن بىر تۈركۈملىرىگە سوتلىنىشتىن بىر ھەپتىچە ئاۋۋال ئىلگىرى «ھالال-ھارام» نى ئايرىغان ياكى ئايرىمىغانلىقى ھەققىدە يازما سوئال سورالغان. «ھالال» ياكى «ھارام» نى ئايرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىمزا قويغان كىشىلەردىن 12 نەپىرى ئالدىنقى كۈنى سوتقا تارتىلىپ، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە كېسىلگەن. يەنە مەزكۇر ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، مەھكۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن بوۋاي-ماماي ۋە بالىلارنىڭ يىغا-زارىلىرى سەۋەبىدىن سوتنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغان. سوتچى سوتنى توختىتىپ تەييار ھۆكۈمنامىنى مەھكۇمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، سوت مەيدانىدىكىلەرنى مەجبۇرى تارقىتىۋەتكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەدلىيە ئىدارىسىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىملار ئۆزئارا سۆزلىشىش داۋامىدا سورالغان ئەھۋالنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى دېيىشكەندىن كېيىن، كۈنەستە لاگېردىن قانچە كىشىنىڭ سوتلانغانلىقى ۋە ئالدىنقى كۈنى سوتلانغان 12 مەھكۇمنىڭ جىنايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جاۋاپسىز قالدۇردى. 

بىز ئارقىدىن غۇلجا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىغا قايتا تېلېفون قىلىپ، لاگېردىكىلەرنىڭ سوتلىنىش ئەھۋالىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئىلى ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئىلى ئوبلاسلىتلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتكە يېڭى كەلگەنلىكىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىپ، سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى زىيارەتلىرىمىزدە خادىملارنىڭ سورالغان ئەھۋالنى ئاشكارا ھالدا دۆلەت مەخپىيەتلىكى دېيىشىشى ۋە سوئالغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» سۈپىتىدە پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە ئەھۋالنى ئېنىق گەپ بىلەن ئىنكار قىلالماسلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يىغىۋېلىش لاگېردىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.