گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى سەۋەبلىك بىر مەھەللە كىشىلىرى 3 كۈن سولاپ قويۇلغان
2017.03.08

گۇما بازىرىدىكى بىر ئاكتىپ كومپارتىيە ئەزاسى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە قولۇم-قوشنىلىرىمۇ قېتىلىپ، بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ كەنت ۋە ساقچىخانىغا يىغىۋېلىنغانلىقى، 3 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئايال ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، رادىيومىزدا قىلغان ئىلگىرىكى سۆزلىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىشتە خەلقئارا قانۇندا چەكلەنگەن كوللېكتىپ جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەلۇم بىر كىشى ئاتالمىش جىنايەت ئۆتكۈزسە، پۈتۈن ئائىلە-تاۋابىئاتىنى قوشۇپ جازالاش ئىجرائاتى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئاشكارىلانغان. خىتاي 2015-يىلى باي كۆمۈركان ھۇجۇملىرىدىن مەمەت ئەيسا، مۇسا توختىنىياز قاتارلىق 10 نەچچە ھۇجۇمچىنى ئائىلە-تاۋابىئاتى بولغان 4 ئايال 7 بالا بىلەن بىرلىكتە غار ئىچىدە قورشىۋېلىپ ئوتچاچاردا قىرىپ تاشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئۆتكەن يىلى ئاقسۇنىڭ چاغراق يېزىسىدا، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرگەن مۇنىياز ئائىلىسىدىكى 7 كىشىنى 5 يىلدىن 12 يىلغا قەدەر كېسىۋەتكەن.
يۇقىرىدا گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى سەۋەبلىك، ھۇجۇمچىلاردىن ئۆمەر ئابدۇراخمان، مەمتىمىن ئابدۇراخمان ۋە ئەخمەت ئېلىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىرلىكتە قولۇم-قوشنىلىرىمۇ قېتىلىپ بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ 3 كۈن سولاپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.