شايار «30‏-ئىيۇن» ھىجرەت دېلوسىغا چېتىشلىق گۇماندارلار سانىنىڭ 50 دىن ئاشىدىغانلىقى ۋە 4 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-01-07
Share
ayal-gumandar-shayar-hijret-delosi.jpg شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كەلگەن ئايال گۇماندار(سولدىن ئىككىنچى).
sina.com.cn diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ 76 سائەت ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بىر ئايال گۇماندارنى گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شايار ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا ۋىيېتنام ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى پىلانلىغان بىر ھىجرەتچىلەر دېلوسىنى پاش قىلغان.

«30-ئىيۇن» دېلوسى دەپ ئاتالغان بۇ دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلاردىن بىر قىسمى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خېنەن ئۆلكىسىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن؛ مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان 21 ياشلىق بىر ئايال گۇماندار بىر ياشلىق بالىسى بىلەن بىرلىكتە گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، ئەمما خەۋەردە دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ ئومۇمى سانى، كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ساقچى ۋە كەنت مەسئۇللىرىدىن بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ 50دىن ئاشىدىغانلىقى ئېنىقلاندى ۋە بۇلاردىن تويبولدى يېزىسىغا تەۋە 4 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت