ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش تىجارىتىنى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-01-18
Share
Uyghur-Siyasi-mehbus-hayati-305.jpg ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شۆبە كومىتېتىنىڭ خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش تىجارىتىنى توختىتىش تەلىپى ئۇنىڭ 343 ‏-نومۇرلۇق قارار لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قارار لايىھەسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە فالۇنگۇڭچىلار، باشقا دىنىي گۇرۇھلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى دۆلەتنىڭ تەستىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز سىستېمىلىق كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىزچىل ۋە ئىشەنچلىك خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلېننا روس-لېتېنانت خانىم 2015‏-يىلى 7‏-ئايدا سۇنغان. قارار لايىھەسىگە ھازىرغا قەدەر 152 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇ 12‏-يانۋار دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شۆبە كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغان.

شۆبە كومىتېتى رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مەت سالمون مەزكۇر قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇپ، 343‏-نومۇرلۇق قارار لايىھەسى «خىتاينى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

مەت سالمون، «خەۋەرلەردە قەيت قىلىشىدىن قارىغاندا، كۆپ قىسمى فالونگۇڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان ‏-ئون مىڭلىغان خىتاي تۇتقۇنى رازىلىقىسىز تىرىك تۇرۇپ ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. 343‏-نومۇرلۇق قارار لايىھەسى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ئۈندەپ، )ئامېرىكا( دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنى بۇ ھەرىكەت ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىدۇ.

ۋىرجىنىيە ئاۋام پالا ئەزاسى جەرىي كونوللى قوشۇمچە يەنە بىر لايىھە تەييارلىدى. ئۇنىڭدا خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنى ئۇ قارا لايىھەسىنىمۇ قوللاشقا چاقىرىمەن» دېدى.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روراباكېر، فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ھېچكىمگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغان تىنچلىقپەرۋەر بىر گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى، لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر گۇرۇھنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دانا روراباكېر مۇنداق دېدى،«فالۇنگۇڭچىلار ھېچكىمگە زوراۋانلىق تەھدىتى سالمايدۇ. فالۇنگۇڭ ئۇ يوگا ۋەمەنىۋىي تاكامۇللۇققا ئىشىنىدىغان تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر. لېكىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى ھازىرمۇ فالۇنگۇڭچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋەيران قىلىش ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەبئىيىتىنى تونۇۋېلىش پۇرسىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇ بىر رەزىل ھاكىمىيەت. ئۇ كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلاپ، بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىۋاتىدۇ.»

خىتايدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلار ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. خىتاينىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى، خىتاي ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇاڭ جيېفۇ 2014‏-يىلى خىتايدا 8600 دىن ئارتۇق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ 80 % ئى مەھبۇسلاردىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈش ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان جىنايەتچىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. پائالىيەتچىلەر، بۇ قىلمىشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دەيۋىد ماتاس بىلەن سابىق كانادا مىنىستىرى دەيۋىد كىلگور 2006‏-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2000‏-يىلدىن 2005‏-يىلغا قەدەر 41500 فالۇنگۇڭ مەھبۇسىنىڭ ئىچكى ئورگىنى ئېلىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كانادالىق ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمان بولسا 2000‏-يىلدىن 2008‏-يىلغا قەدەر 65 مىڭ فالۇنگۇڭ مەھبۇسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئورگىنى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا شۆبە كومىتېتىنىڭ قارار لايىھەسىدە، دەيۋىد كىلگور ۋە ئېتان گۇتمانلار تەمىنلىگەن سانلىق ئۇچۇرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «گۇتمان ئېلان قىلغان پاكىتلار خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ 1990‏-يىللاردا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.

يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ستىۋېن چابوت، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ يىغىندا خىتاينى«بۇ خىل رەزىل ۋارۋارلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىش ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبېرى ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىسى» دەپ كۆرسەتتى.

ستېۋىن چابوت، «مەن بۇرۇن بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى ئاتقۇرغان ۋاقتىمدا بۇنىڭغا ئوخشاش قارار لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويغان. مەن بۇ قېتىم شۆبە كومىتېتنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنى يەنە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قارشى ئالىمەن.

خىتاينىڭ ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈشى ھەرىكىتى دەھشەتلىك بىر ئىش. 2016‏-يىلى بۇ ۋەھشىيلىك داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىراق خىتاي مەھبۇسلاردىن ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز ئىچكى ئورگان ئېلىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلدى. خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈش سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىگە قارىتا ھازىرغا قەدەر مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ باقمىدى. دۇنيانىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىزدە خىتاينى بۇ خىل قەبىھ ۋارۋارلىق ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز» دېدى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئالغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىمارلارغا كۆچۈرۈلگەن ئىچكى ئورگانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلار جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن خالىسانە رازىلىق بەرگەن. ئەمما خىتاي دائىلىرىنىڭ بۇ پىكرى خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلمايدۇ.

ئۇ ئاخىرى، 1915‏-يىلى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، خىتاي مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇنىڭ 2‏-قېتىم ۋەدە بېرىشى ئىدى. ئەمما پائالىيەتچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي 2015‏-يىلى يەنە بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى روس-لېتېنانت خانىم ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھەسىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى «ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈشكە دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ، خىتاينى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىشەنچلىك، ئوچۇق-ئاشكارا، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ئۈندەيدۇ.

قارار لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇشىنى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئاۋام پالاتاسىغا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىچكى ئورگان سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت