ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىشقا خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى 343-نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاۋام ئېلىنا روس-لېتېنانت خانىم ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر قارار لايىھە ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنىدا، كومىتېتتىكى 19 نەپەر دېموكرات ۋە 25 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى.
قارار لايىھەسىدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ھەرىكىتى تەنقىد قىلىنىپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈشكە دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز» دېيىلگەن.
قارار لايىھەسىدە يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ مەزكۇر قىلمىش ئۈستىدىن ئىشەنچلىك، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇش تەلەپ قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە دائىر تەپسىلىي ئانالىز بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي باشقا ئەل پۇقرالىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار قانۇنلىرىنىڭ ئىجرائات ئەھۋالى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە مەلۇمات بېرىش تەلەپ قىلىندى.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنغا ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەد رويس رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، قارار لايىھەسىدە خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش تەنقىد قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ، كومىتېتتىكىلەر قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە» دېدى.
ئەد رويس: «خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى بۇ كومىتېتتىكى ئەزالارنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلدى. ئۇ بولۇپمۇ، بۇ مەزگىلدە دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇردى. بۇ قارار لايىھەسى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكا دوختۇرلىرىنى بىمارلىرىغا چەتئەلگە چىقىپ ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشنىڭ خەتىرى ھەققىدە تەربىيە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئۆزىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئانالىز قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.
ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھەسىدە، ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دەيۋىد ماتاس بىلەن دەيۋىد كىلگور، تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست ئېتان گۇتماننىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇش تىجارىتىدە خىتاينىڭ پارتىيە، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز- ئارا تىل بىرىكتۈرگەنلىكى، خۇسۇسەن خىتاي ج خ ئورگىنى بىلەن ھەربىي دوختۇرخانىلارنىڭ ھەمكارلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئېتان گۇتماننىڭ قەيت قىلىشىچە، 2000-يىلنىڭ دەسلەپكى 8 يىلىدا تەخمىنەن 65 مىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئەزاسى ئېلىۋېلىنغان. ئېتان گۇتمان، مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىش ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھەسىدە گۇتماننىڭ دوكلاتىدىكى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئېتان گۇتمان ئېلان قىلغان بايقاشلاردىن قارىغاندا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش مەشغۇلاتى 1990-يىللاردا ئاز سانلىق مىللەت، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن باشلانغان، خۇسۇسەن ئۇلار ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئالغان» دېيىلگەن.
يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلئىوت ئانگېل، كىشىنىڭ رازىلىقىسىز ئۇنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىش «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى» دەپ كۆرسەتتى.
ئېلىئوت ئانگېل: «مەن روس-لېتېنانت خانىم ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لايىھىنى خۇشاللىق بىلەن قوللايمەن. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەتنىڭ قوللىشىدا يۈز بېرىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇشقا دائىر ئەتراپلىق دوكلاتلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ مەشغۇلاتنىڭ بولۇپمۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈستىدىن، خۇسۇسەن فالۇنگوڭ ۋە باشقا دىنىي ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدۇ. ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇش ئۇ زامانىۋى تېبابەتتىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت، ئۇ ھەر كۈنى كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى» دېدى.
يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھرابېيكېر، خىتاينى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ ئېغىر دۆلەت، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا يېتەرلىك دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.
دانا روھرابېيكېر مۇنداق دېدى: «شۇ نەرسە روشەنكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىبلىسنى كۆرمەسكە سېلىش ئۈچۈن بېشىمىزنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋېلىۋاتىمىز. بۇ قېتىم ئاۋازغا قويۇلغان بۇ لايىھە بىزنىڭ ئەمدى بۇنىڭغا كۆز يۇمۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئەمما شۇ نەرسىمۇ ئېنىق، بىز دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىسى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايدىكىدىن كۆپ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا ھەر يىلى 60-70 مىڭ ئادەم ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ئاران 10-11 مىڭ ئادەم ئىچكى ئەزا ئالماشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
ئەمما ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختى، ئەمەلىيەتتىكى سان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن كۆپ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىچكى ئەزا سودىسى خىتايدا ئىنتايىن زور تىجارەت» دەپ كۆرسەتتى.
ئەنۋەر: «خىتاي ھازىرغىچىلىك ھەممە نەرسىنى مەخپىي تۇتىدىغان بىر يەر ئۇ. ئۇنى تەكشۈرۈپ مۇنچىلىك ئادەم، دەپ قىلىش بەك تەس. ئەمما يەنە بىر ئۇسۇل بىلەن قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تىيەنجىندىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئورگان يۆتكەش بۆلۈمىنىڭ 30 كارىۋىتى بار ئىكەن. بىر ئىچكى ئورگاننى يۆتكەشكە ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ 30 كۈن كېتىدۇ. دېمەك، 30 كارىۋات بولسا بىر ئايدا 30 ئادەم. بىر يىلدا 300 بولىدۇ. ئەمدى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان دوختۇرخانىدىن قانچىسى بار.»
ئەنۋەر توختىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە خىتاي ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى باشقىلارغا بېغىشلاش ئادىتى يوق. بۇ ئەھۋالدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلار خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىچكى ئەزا كېلىش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئەنۋەر توختى: «خىتاينىڭ ئۆزى بىلەن سان-سىپىر بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرسا بۇ خاتا چىقىدۇ. مەسىلەن، خىتايلار بىز ئىچكى ئورگانلارنى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن جىنايەتچىلەردىن ئالىمىز، دەيدۇ. ئەمدى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەر بىر يىلدا 10 مىڭغا بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ بەرگەن سانىدا بۇلارنى بەك ئاز كۆرسىتىدۇ. ئەمما ماۋۇ ئورگان يۆتكەش سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا، دەيدۇ. ئۇنداق بولسا بۇ نەدىن كەلدى؟
ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەردىن جىق، بۇ بىر. يەنە بىرى، ھەممە ئادەمنىڭ ئورگىنى باشقا ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. ئورگاننىڭ مۇۋاپىق كېلىش نىسبىتى يۈزدە 15% دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر يىلدا 10 دەك ئورگان يۆتكىگەن بولسا 15 % بولسا مۇۋاپىق كېلىش نىسبىتى، قانچىلىك ئادەمنى ئېتىۋەتكەن بولىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى 2015-يىلدىن باشلاپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان ئىدى. ئۇ 2015-يىلى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، پۇقرالارنى ئىچكى ئەزا تەقدىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، ئەمما يېڭى بەلگىلىمىدە مەھبۇسلار «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكى ئەزاسىنى تەقدىم قىلسا، قوبۇل قىلىنىدۇ» دېيىلگەن ئىدى.