توكيودا خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشىگە دائىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى
2016.12.01

30-نويابىر توكيودىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە كانادالىق ئىككى نەپەر ئادۋوكات تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا دائىر ھۆججەتلىك فىلىم كەڭ ياپونىيەلىك كۆرۈرمەنلەر بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن.
مەزكۇر فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىنى ياپونىيەدىكى «خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى توختىتىش تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن فالۇڭگۇڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان.
پائالىيەتكە يەنە مەزكۇر فىلىمنى تەييارلىغۇچىلاردىن كانادالىق ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس بىلەن كانادانىڭ سابىق تەپتىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى داۋىد كىلگورمۇ ئىشتىراك قىلغان.
فىلىمدا ئاساسلىقى خىتاي يۆتكەپ سېتىۋاتقان ئادەم ئورگانلىرىنىڭ تۈرمىدىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى، تىبەت راھىبلىرى ۋە خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم پائالىيەتتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر فىلىم ھەققىدە توختالدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىمنى قويۇش پائالىيىتىدىن كېيىن، خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سۆھبەتتە كانادالىق ئادۋوكات داۋىد ماتاس ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ-سېتىش مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
ئىلگىرى خىتايدىكى لياۋنىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ياپونىيەدىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىدىن لىن فىلىم ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرمىلەردىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەت. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايىتى ئۈچۈن خەلقئارا سوتقا تارتىلىشى كېرەك. بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار يالغۇز فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ۋە تىبەت راھىبلىرى.»
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، توكيودىكى مەلۇم بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «خىتايدىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى،تىبەت راھىبلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشى ھەققىدىكى بۇ فىلىمنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم. بۇ فىلىمنى كۆپلەپ تارقىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ھەممىمىز بىرلىكتە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئىگىلىشىمىزچە، كانادالىق ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن داۋىد ماتاس بىلەن كانادانىڭ سابىق تەپتىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى داۋىد كىلگور يېقىندا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا شىكايەت سۇنۇپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنې ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا، ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە مەخسۇس بىر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.