ئارزۇ نۇرمەمەت: جېجياڭ يىۋۇدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھەقسىزلىق خىتاي ئاھالىلەرنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.25
kunming-weqesi-saqchi-charlash.jpg پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن قوراللىق كۈچلەر ئەتراپنى چارلىماقتا. 2014-يىلى 3-مارت، كۇنمىڭ.
AFP

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئانىسى ۋە ئىككى ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە ياشاۋاتقان ئارزۇ نۇرمەمەت مۇخبىرىمىز بىلەن بۈگۈنكى سۆھبىتى داۋامىدا، بىر يىل ئاۋۋال جېجياڭ يىۋۇدا دۇكان ئېچىۋاتقان مەزگىلىدە كۆرگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكەنلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىد يىۋۇغا ئۇيغۇر رايونىدىن زور بىر تۈركۈم ساقچىلار يېتىپ كېلىپ يىۋۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق نازارەت ۋە تۇتقۇن ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ، دىنىي كەيپىياتى بايقالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا نۇقتىلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇتقۇن، ھەتتا يىۋۇدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىمۇ بىئارام قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يىۋۇدا قانچىلىك ساندا ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ياكى بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئارىلاپ ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنماقتا. ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، يىۋۇدىكى بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.